تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

【ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش】 قاراباغ كەنتىدىكى ياش كادىرلار «تايانچلىق» رولىنى جارى قىلدۇردى

پۇتۇڭخۇادا راۋان   كومپيۇتېرغا پىششىق

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن خەۋەرى) 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندە، نۇربىيەم ئابدۇكېرەم ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېسابات دەپتىرىنى تىزىملىۋالغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە ئۆيمۇئۆي كىرىپ، قىيىنچىلىقى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردى.

نۇربىيەم يەكەن ناھىيەسى ئىلىشقۇ بازىرى قاراباغ كەنتى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئۇ پۇتۇڭخۇاغا راۋان، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولغاچقا، خىزمەتكە ئاسانلا كىرىشىپ كەتتى. «ھەر كۈنى خىزمەت بەك ئالدىراش، بەك مەزمۇنلۇق» دېدى نۇربىيەم، «كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش».

نۇربىيەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بىر قەدەر ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. «مەن 15 يېشىمدىلا ئاتا-ئانامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياتلىق بولغان، تۇرمۇشۇم بەختلىك بولمىغاچقا، ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆزۈمنى كەمسىتىپ، ئانامنىڭ ئۆيىگە مۆكۈۋېلىپ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمىغانىدىم» دېدى ئۇ. 2018-يىلى 1-ئايدا، شۇ چاغدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن بىڭ ئۇنى كەنت كادىرى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى، خىزمەت ماھارىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكەن.

مول مەزمۇنلۇق خىزمەت نۇربىيەمنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. «2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، مەن پۈتۈن كەنتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى خىزمەت ئەترىتى ۋە «كەنت ئىككى كومىتېت»ىغا تاپشۇرۇپ، بىرلىكتە ئىش ئورنى ئىزدەشنى مەسلىھەتلەشتىم، كەنت ئاھالىلىرىدىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭمۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردۇق» دېدى ئۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ قاراباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كەنتتە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشى ئېغىر ئىدى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى پۇت-قولىنى چۈشەپ قويۇش ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا يۈزلەندى، بولۇپمۇ ياشلار ياشلىققا خاس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى».

«يېقىنقى يىللاردا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئالماشقان بولسىمۇ <ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش> توختاپ قالمىدى، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، مەن ھازىر كومپيۇتېرنى پىششىق ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم» دېدى بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىل تۇرسۇن. ئادىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ۋېيشىن توپىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردى، ئۇ ھازىرغا قەدەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 620 كىلوگىرام بادام ۋە ئىككى توننا ياڭىقىنى سېتىشىغا ياردەملەشتى.

25 ياشلىق خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى مەمەتئېلى ئابلا بۇ يىل 3-ئايدا كەنت كادىرى بولغان. «مەن گەرچە مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولساممۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كىرىشتىن بۇرۇن ھېچقانچە ئادەمنى تونۇمايتتىم، ھازىر بولسا بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى پىششىق بىلىمەن. مەن يېزا تۆۋەن كاپالىتى، مېيىپلەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ياشانغانلار ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار بولۇپ، چوقۇم ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك» دېدى ئۇ.

«2017-يىلى 2-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قاراباغ كەنتىگە كەلگەندىن بۇيان، ياشلارنى تەربىيەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، كەنت كادىرلىرى قوشۇنىغا كىرىپ، <بىرگە بىر> ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، نۆۋەتتە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 27 ياش، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى پارتىيە ئەزاسى» دېدى ليۇ جۈن، «ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشتە، ساپا جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياش كەنت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى