تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۇۋزى بىلەن كىچىك كېسەللەرنى داۋالاش

ھازىر يۇۋزىنىڭ كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنىش پەسلى. ئۇنىڭ قەنت تەركىبى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن تەمىمۇ ئۆزگىچە، مېۋە ئېتى بىلەن مېۋە پوستىنى جۇڭيى دورىسى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن كىچىك كېسەللەرگە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە يۇۋزىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈك، تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، جىگەر، تال، ئاشقازانغا بولغان دورىلىق ئۈنۈمى ياخشى، بەلغەمنى بوشىتىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق رولى بار، دەپ قارىلىدۇ. تۆۋەندە يۇۋزىنى ئىشلىتىشتىكى بىر قانچە رېتسىپنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاغرىقلار سىناپ باقسا بولىدۇ.

يۇۋزى بىلەن فۇلىننى ئىستىمال قىلغاندا سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ. يۇۋزىنىڭ ئېتىدىن 50 گىرام، فۇلىن 9 گىرام، بەيشۇ 9 گىرام، گەنساۋ 6 گىرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا؛ كورىغا سوغۇق سۇ قويۇپ، يوۋزىنىڭ ئېتىنى چاسا شەكىلدە توغراپ، فۇلىن، بەيشۇ، گەنساۋنى سالىمىز، كىچىك ئوتتا قاينىتىپ قىيام ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ قاينىتىپ بولغان قىيامدىكى قالدۇقلارنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ئىستاكانغا قويۇپ، ناۋات سېلىپ تەڭشەيمىز، سوۋۇتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

رېتسىپ: يۇۋزىدا ۋىتامىن C قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ ئورۇقلىتىش، تېرىنى ياخشىلاپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق رولى كۆرسىتىلدى. فۇلىننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، كۆڭۈلنى تىندۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۇ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇشتىكى مۇھىم دورا ھېسابلىنىدۇ. بەيشۇنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى يوقىتىش، تەرنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار، كىلىنىكىدا تال ئاجىزلاپ فۇنكىسىيىسى تۆۋەنلەش، ھۆللۈك پەيدا قىلغان ئىشتىھاسىزلىنىش، چوڭ تەرەت سۇيۇق كېلىش ياكى ئىچى سۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، بەلغەملىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. گەنساۋ تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ھەرخىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرغاندا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ بىر نەچچە خىل تۈردىكى دورىلارنى قوشۇپ ئىشلەتكەندە، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى يوقىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، ئاقارتىش، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىپ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

يۇۋزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك سىڭمەسلىككە بولغان ئۈنۈمى ياخشى. جۈزە پوستىنىڭ تەمى قىرتاق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، تال، ئاشقازاندا يەل تۇرۇپ قېلىش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرىنى داۋالاشتىكى ئېسىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىيىتى سەل مۆتىدىل بولۇپ، تال، ئاشقازان، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ سوغۇقتىن زەئىپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئاشقازان كاۋىكى سوغۇقتىن ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى بىرقەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بار. بۇ بىر نەچچە خىل تۈرنى قوشۇپ ئىشلەتكەندە، ئېغىز پۇراش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، تۇغۇتتىن كېيىنكى چىللە خۇنى تولۇق چىقماسلىق ۋە ئاشقازان كۆپۈپ بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ. يۇۋزى پوستىنى قاينىتىپ ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. يوۋزى پوستىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى بار، ئۇنىڭ تەمى ئاچچىق، تاتلىق، قىرتاق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال، ئۆپكە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىپ دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە، كۆپىنچە ئىچى تىتىلداش، مەيدە سوغۇقتىن ئاغرىش، تاماق سىڭمەسلىك، ئىچى سۈرۈش، يۆتىلىش، چوقۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى