تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭجوۋ شېنجېندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى) گۇاڭجوۋ ياڭياڭ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نيۇ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: «بىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا بارغان، ئۇلار قىشتا شىنجاڭغا بېرىپ قار مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى قارا تېيىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق چوڭقۇر ساياھەت لىنىيەلىرىگە ناھايىتى ئىنتىلىدۇ، شۇڭا بۇ يىل بىز قار تېيىلىش ۋە قۇمقاناستا قونۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى كۆپەيتتۇق، يېقىندا بارغان ئىككى تۈركۈم مېھمانلارنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى». 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ياخشى جاي 2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت (گۇاڭجوۋ) مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، بۇ ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ مېيچېڭ لىنىيەسى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، قىش پەسلىدە 1000 ساياھەتچى توشۇلىدىكەن.

شىنجاڭ ياخشى جاي 2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك (گۇاڭجوۋ) مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرماقتا.

11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ باشچىلىقىدا، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىلىرى گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېندا ئۇدا ئىككى مەيدان ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلېم مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېندىكى زور بىر تۈركۈم چېگرا سىرتى ساياھىتى قىلىدىغان ساياھەت كوپىراتىپلىرى دىققىتىنى شىنجاڭغا قاراتتى، بۇ ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا ناھايىتى قىزىقىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىمىز بۇ يەرگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز سېھىرىي كۈچى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شېنجېن شەھىرى چېگرا ئېغىزى جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ شياۋفاڭ ئالتاي ۋىلايىتى يولغا قويغان توققۇز چوڭ قار-مۇزنى ھېس قىلىش يېڭى ئويناش ئۇسۇلىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. جياڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالتاينىڭ قار-مۇزدىن سەكرەش، سۇ چېچىپ مۇز ھاسىل قىلىشتەك قار-مۇز ساياھىتى يېڭى ئويناش ئۇسۇلى جەنۇبتىكى بولۇپمۇ چوڭقۇر ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، نۆۋەتتە، بىز شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى زاكاز قىلىش ۋە كىچىك ھۆددىگە ئېلىش ئۆمەكلىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مېھمانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق چوڭقۇر ساياھەت لىنىيەلىرىنى تەشكىللەيمىز.

شىنجاڭ ياخشى جاي 2020-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك (گۇاڭجوۋ) مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، خوتەن ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرماقتا.

شىمالىي شىنجاڭدىكى قار-مۇز ساياھىتىدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىشلىق چوڭقۇر ساياھەت قىلىش لىنىيەسىمۇ نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، گۇاڭجوۋدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ غەربىي رايون خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن مۇددىئانامە ھاسىل قىلىپ، قىش پەسلىگە ماس كېلىدىغان خوتەن قاشتېشى ئىزدەش ساياھىتى چوڭقۇر ساياھەت لىنىيەسىنى ئاچماقچى بولدى. شىنجاڭ غەربىي رايون خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا گۇاڭجوۋدىكى كەسىپداشلار خوتەن ۋىلايىتى بەرپا قىلغان خوتەن قاشتېشى ئىزدەش ساياھەت لىنىيەسىگە ناھايىتى قىزىقتى، بىز دەرھال خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق، ئۇلار سىياسەت جەھەتتىن قوللىدى، ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ لىنىيە ناھايىتى تېزلا گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېندىن ساياھەتچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

شېنجېن شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ساياھەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭچۈن مۇنداق دېدى: شېنجېندىكى ئىلگىرى خەلقئارا لىنىيە ئىشلىگەن نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى شىنجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغنىغا كەلدى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ قىشىلىق تەنھەرىكەت-ئىستىراھەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى توغرا كۆردى، يىغىندا ھەر قايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى يەنە لىنىيە ئېچىش ۋە ساياھەتچىلەرنى يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى