تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ كوماندىسى تۇڭشى كوماندىسىنى ئاز نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىپ، تۇنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ روچى): 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2021-2020 مۇسابىقە پەسلى CBA ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ 12-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىنى يەنىلا ئالدىرىماي باشلىدى، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم كۈچى جوۋ چى بىلەن تاڭ سەييۈدىن ئايرىلغاچقا، رەقىبىنىڭ نۇقتىلىق «غەمخورلۇقى»غا دۇچ كېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرالماي قالدى، ئەمما تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى شىرئەلىجاننىڭ باشچىلىقىدا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلدى. ئارقىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ترېنېرلىرى يوشۇرۇن كۈرەشنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭ كوماندىسى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ ئېشىپ كەتتى، تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنىلا ۋاز كەچمىدى، ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركىشىپ، ئاخىرقى مىنۇتلاردا شىرئەلىجان ئالتە قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەيداندىن ئايرىلدى، مۇسابىقىدە شۇنىڭ بىلەن يېڭىش-يېڭىلىش ئېنىق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 112:108 نەتىجە بىلەن، تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى.

  مۇسابىقە كۆرۈش نۇقتىسى: ئىككى تەرەپنىڭ توپچىلارنى سەپلىشىدە بەلگىلىك پەرق بار، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېڭىشىدە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

  بۇ مەيداندىكى ئەڭ ياخشى توپچى: زېڭ لىڭشۈ 18 نومۇر ئالدى، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى نومۇرلۇق توپىنىڭ گارغا چۈشۈش نىسبىتى %59.1 بولغان، ئۈچ نومۇرلۇق توپىنىڭ گارغا چۈشۈش نىسبىتى %26.1، جازا توپىنىڭ گارغا چۈشۈش نىسبىتى %68.9 بولغان.

  مۇسابىقىدىن ئالدىن خەۋەر: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، كېيىنكى بىر مەزگىلدە، كوماندا تەرتىپكە سېلىنىدۇ (سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى