تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

باي بولۇشنىڭ يولى بار! جەنۇبىي شىنجاڭ كەنتلىرىدە قىسقۇچپاقا بىلەن چوڭ راك بېقىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن خەۋىرى): «تاماق كەلدى!» 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە، دۈەن چېڭجياۋ بېلىق كۆلچىكىگە كەلگەندە، بېلىقلار ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ بەس-بەستە قىرغاققا ئولىشىپ كېلىپ خۇشال ھالدا چۈشلۈك تاماق يېدى. «بېلىق كۆلچىكىدە ئەنئەنىۋى ‹تۆت چوڭ جەمەت›تىكى كۈمۈش رەڭلىك كارپ بېلىقى، چىپار سۇختا بېلىقى، ئوتخور بېلىق ۋە كارپ بېلىقىدىن باشقا، بۇ يىل يەنە ھەر بىرىمىز بىر كۆلچەكتىن قىسقۇچپاقا، بېلىق يېمى ۋە ئاۋسترالىيە چوڭ راكىنى سىناق تەرىقىسىدە بېقىپ، ھەممىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەαي قىلىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ياخشى باھادا ساتتۇق» دېدى دۈەن چېڭجياۋ مۇخبىرنى باشلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ.

   بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن دۈەن چېڭجياۋ يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازىرى قاراباغ كەنتىدىكى بېلىق بېقىش كەسپىي ئائىلىسى ۋە بېيىش باشلامچىسى. ئۇ 2000-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىدىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىغا كېلىپ بېلىق كۆلچىكى ئېچىپ، ئىزچىل شۇ جايدىكى دېھقانلارنى بېلىق باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى.

   «بۇ جاينىڭ ئورنى ياخشى، يەكەن دەرياسىغا يېقىن، يەنە سۇ ئامبىرى ۋە سۇلۇق يەرمۇ بار» شۇ يىلى ئۇ بۆلەكلەر بويىچە ئەتراپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا قاراباغ كەنتىنى تاللىدى. 2012-يىلى ئۇ بىر تەرەپتىن بېلىق كۆلچىكى كولاپ، بىر تەرەپتىن بېلىق بېقىپ، ئون نەچچە كىلوگىرام ئورۇقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، نەتىجىسى ئۇنى خۇشال قىلىپ، 2013-يىلى بىر مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغىلى كەلدى، ئۇ دائىم پۈتۈن زېھنى بىلەن باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ قويدى.

   2015-يىلى دۈەن چېڭجياۋ يەكەن ناھىيەسى شۇشىن بېلىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمى 220 مودىن ئاشاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ كۆلىمى 180 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 40 مو بولۇپ، چوڭ-كىچىك 22 بېلىق كۆلچىكى ياسىدى، يەنە 800 تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ تىكتى، ئاساسلىق توخۇ، ئۆردەك، بېلىق باقمىچىلىقى ۋە سېتىش تىجارىتى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ ياسىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇ ئامبىرىغا سۇ ساقلانماس بولدى، كۆلچەكتىكى سۇنىڭ سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولدى، ماشىنىلاشقان قۇدۇق بىلەن سۇغارغاچقا، سۇنىڭ كىرىش سۈرئىتى سۇ سىڭىپ كېتىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەي، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى.

   2017-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قاراباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىزچىل پائال ياردەم بېرىپ كەلدى، 2018-يىلى 1 مىليون يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سۇ سىڭمەس بېلىق كۆلچىكى ياسىشىغا، كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە، يۇقىرى تېخنىكىلىق سورتلارنى كىرگۈزۈشىگە ياردەم بەردى ھەم سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

   «قاراباغ كەنتىنىڭ يەرلىرى تارقاق، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى تەس. بىز يەرلەرنى ئوبوروت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كەڭ زېمىن بىلەن تەمىنلىدۇق، ھازىر كەنتتە ئالتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ قاراباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى ليۇ جۈن مۇخبىرغا.

   «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزغا يەنە باشقا ئالتە كەنت ئاھالىسى پاي قوشتى، توققۇز كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى. مەمەت تۇرانىڭ ماڭا ئەگەشكەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، مەن ئۇيغۇر تىلىنى ئازراق ئۆگىنىۋالدىم، ئۇمۇ <سىچۈەن ئورتاق تىلى> دا ئازراق سۆزلىيەلەيدۇ». ھازىر دۈەن چېڭجياۋ ئىككىنچى يۇرتىغا سىڭىپ كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى. «ئۇلار دائىم مېنى ئۆيگە لەڭمەن، پولۇ يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، يەنە مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئەكىلىپ بېرىدۇ» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

   دۈەن چېڭجياۋ يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىدى. 29 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت ھېمىت دەل ئۇنىڭ «يېڭى مەستانىسى». بۇ يىل مەمەت 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا رەڭلىك قۇراشتۇرما ئۆي سېلىپ، ئۆي ئىچى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. «دۈەن ئاكامنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى ياخشى، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى ئۆگىنىمەن». مەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېڭى شەيىلەرنى سىناپ بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى پارنىك موگۇسى تېرىپ باققان، نۆۋەتتە ئەنەنىۋى ئوتخور بېلىق ۋە كارپ بېلىقى باققان، بۇ يىل 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىگەن. قىسقۇچپاقا ۋە ئاۋسترالىيە چوڭ راكى باقمىچىلىقى تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىپ، سىناپ باققۇسى كەلدى.

  «بۇ يەردە كەلگۈسىدە سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلىدۇ، ساياھەت يولى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، بېلىقچىلىق شادلىقى ئارامگاھى ئاچقىلى بولىدۇ» دېدى  دۈەن چېڭجياۋ. كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تېخنىكا ئۆگىنىشكە، باقمىچىلىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپنى بىرلىكتە زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى