تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى: «بىر ۋىلايەت، ئىككى شى»نىڭ 216 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى لياۋنىڭ يەرمەنكىسىدە نامايان بولدى

    خەلق تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2020-يىللىق لياۋنىڭ خەلقئارا مەبلەغ سېلىش-سودا كېڭىشىش يىغىنى شېنياڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، شىنجاڭ تارباغاتاي كۆرگەزمە زالىدىكى نەپىس بېزەك، ئېسىل ئويۇن، ئىنچىكە مۇلازىمەت، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەھسۇلاتلار نەق مەيدانغا كەلگەن ئەزىز مېھمان ۋە زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان ۋاڭ چىڭدۇڭ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش قوماندان لى يۇڭ ئالايىتەن شېنياڭغا بېرىپ، لياۋنىڭ يەرمەنكىسىگە قاتناشتى.

  «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك» كارخانا، «پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى 500 كۈچلۈك» كارخانا، مەركەز كارخانىلىرى، سودا (ھەمكارلىق) جەمئىيىتى قاتارلىق 480 مۇھىم ئەزىز مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىپ قۇرۇشقا تەشكىللىگەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 8-شىسى، 9-شىسىنىڭ كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىنچىكە تاللاپ، ئاخىرىدا تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بەش ناھىيە، ئىككى شەھەر ۋە بىڭتۈەن 8-شىسى، 9-شىسىدىكى 47 كارخانىنىڭ 216 خىل مەھسۇلاتىنى تاللاپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ساۋەن داپەنجى، تولى كالا گۆشى، نوقۇت تالقىنى، زاراڭزا مېيى، ئۇن، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئورگانىك يېشىل مەھسۇلاتلار بار.

  چۆچەك مەھسۇلاتلىرىدىن تيەنجۈن ئۇنى، باشباي قويى، ئانگېسى كالىسى، زاراڭزا ھەسىلى قاتارلىق مەھسۇلاتلار لياۋنىڭ، «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ» قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە كىردى. كېيىنكى قەدەمدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەركەز ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

(لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ تەشۋىقات-مەدەنىيەت مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى