شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ليۇ يۈشەن، جۇ چياڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بايىنبۇلاق قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى «ئاتلىق تەشۋىقات ئۆمىكى» تەشكىللەپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يايلاقنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى ھەر بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى.
بايىنبۇلاق يايلىقى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 23 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قىش پەسلىدە چارۋىچىلارنىڭ چارۋا بېقىش ئورنى چەت، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، تارقاق ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار سىرتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى.
خەلق ساقچىلىرى يايلاقتا چارۋىچىلارغا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلماقتا. جۇ چياڭ فوتوسى
چەت، يىراق جايلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن، بايىنبۇلاق قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، چېدىرلارغا كىرىپ، ئەڭ چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكتى. تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چارۋىچىلار ياقتۇرىدىغان شەكىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ۋە ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە يەتكۈزۈپ، ھەر بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.