تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش

  ئانار بۇلۇت: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىر دولايتى يېزىسى قاراتال كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە باقىتگۇل باباقۇمارنىڭ ھويلىسىغا كىردى، مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىغا ئەمدىلا بېزەلگەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ۋە پاكىز، رەتلىك ھويلا-ئاران كۆزگە چېلىقتى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ كەلگەن.

  52 ياشلىق باقىتگۇل باباقۇمارنىڭ ئائىلىسىدە داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسى بار بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاساسلىقى ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ۋە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كۈندىلىك چىقىمىنى قامدايتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، باقىتگۇل باباقۇمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر داۋالاش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى.

  2019-يىلى، باقىتگۇل باباقۇمار ھويلىسىدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سالدى ۋە كۆلىمى 140 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دېھقانلار ئارامگاھىغا ئۆزگەرتىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئون مېھمان سىغىدىغان مېھمانخانا ۋە كىگىز ئۆي شەكلىدىكى مېھمانخانىنى لايىھەلەپ چىقتى. ئۆيدىكى گىلەم، ئاسما گىلەم، ياستۇق، سېلىنچا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باقىتگۇل باباقۇمار بىر يىڭنە بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىققانىدى. يازدا ئۇ يەنە بۇرچىن ناھىيەسى يولغا قويغان «ئۈچ مايسا» قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل ھويلا-ئاران قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە، ھويلىسىغا ھەر خىل مېۋە-كۆكتاتلارنى تېرىپ، ھەر خىل ئۆي قۇشلىرىنى باقتى، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا كېرەكلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئاساسەن ئۆزى تەييارلىدى. باقىتگۇل باباقۇمار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

  «پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزۈمگە تەۋە بەختلىك تۇرمۇشنى يارىتىمەن.» دېدى باقىتگۇل باباقۇمار.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، دولايتى يېزىسى قاراتال كەنتى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان سىياسەت ياردىمى بەردى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ۋە ياردەم بېرىش پۇلى تارقاتتى؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى تەۋسىيە قىلدى؛ باقمىچىلىق تېخنىكىسى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى.

  «بىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش ھەم باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق، ھازىر كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ھەربىر نامرات ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» دېدى دولايتى يېزىسى قاراتال كەنتىنىڭ كادىرى ئانىق قادىس.

  بۇ يىل، بۇرچىن ناھىيەسى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر كۈنى كىرىمى بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  (بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى