تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چىڭىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ سىن يىغىنىدا نۆۋەتتىكى، بولۇپمۇ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چىڭىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى، بولۇپمۇ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش خىزمەت لايىھەسىنى ئوقۇدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق قىلچە بوشاشماي پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سەگەك تونۇشنى ساقلاش كېرەك. نۆۋەتتىكى بولۇپمۇ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تۆت بالدۇر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك؛ ئادەم، ماددىي ئەشيالارنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پورتلاردا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ھەقىقىي يوقىتىش كېرەك؛ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قاراۋۇللۇق» فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ مەھەللە، يېزىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئاچقۇچلۇق ئورۇن، نۇقتىلىق مەيدان-سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش بايلىقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ يېتەرلىك زاپىسى بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنىۋېرسال مەشىقلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، خادىملارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ماددىي ئەشيالارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، تەربىيەلەشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىقتىدارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەييارلىقنى پۇختا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ۋە باشقۇرۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، يۇقىرى-تۆۋەن ماسلىشىدىغان، ئاخىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دەل جايىدا قول سېلىپ، ئىنچىكە جايلارغا كۈچەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقى، بوشلۇق قالدۇرماسلىقى كېرەك. نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، خىزمەتنىڭ دەللىكى، ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان-مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلغانلارغا قارىتا كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى