تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى!

مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلىش، ۋىلايەت (ئوبلاست) دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە مەخسۇس باھالاش، تەكشۈرۈش، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، چېكىنىپ چىقىشنى تەستىقلاش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىنى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈشنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى 3 مىليون 89 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

يەكەن ناھىيەسى قاتارلىق ئون ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاق ئېلىۋېتىلسىمۇ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى توختاتماسلىق ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «14-بەش يىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، دىققەتنى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن نامرات ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەن نامرات كەنت ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان نوپۇسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئىدىيەۋى تونۇش، نىشان-ۋەزىپە، خىزمەت تەدبىرى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، خىزمەت مېخانىزمى جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى