تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، <تۆت ئىشەنچ>نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.» پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، پۇدۇڭنىڭ يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئېنىق تەلەپ قويدى.

ھازىر، دۇنيا ئەندىزىسى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىز تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىمىز. يېڭى ۋەزىيەت يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا موھتاج بولماقتا، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۇدۇڭنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىيەتكە قويۇپ پىلانلىشىمىز، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ ئويلىشىشىمىز ۋە پىلانلىشىمىز، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.» پۇدۇڭ چوڭ ۋەزىيەتتىن چىقىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك؛ يەر شارىۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق شەھەر قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇدۇڭغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بەش جەھەتتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە نىشان-تەلەپ ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئويلىشىش ۋە پىلانلاش. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا؛ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دىققەتنى ئۇللۇق ۋە مۇھىم، زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ-يېتىلىشىگە، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ، ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى تەقسىملەشنىڭ يەر شارىۋى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا موھتاج؛ شەھەر كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان جاي، شەھەر قۇرۇلۇشىدا جەزمەن خەلقنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا باب كېلىش، خاتىرجەم ياشايدىغان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ ياخشى بايلىقنى خەلققە قالدۇرۇش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۇدۇڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشتا پۇدۇڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىشى، چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، ئاساسىي پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور يېڭىلىق يارىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات جەھەتتە، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشتا باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، تەجرىبە يارىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. ئېچىۋېتىش جەھەتتە، قائىدە، بەلگىلىمە-تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تەمىناتى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات تەمىناتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، تىرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مەركىزىي تۈگۈن نۇقتىسى ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇلانمىسىغا ئايلىنىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا باشلامچى بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شەھەر ئىدارە قىلىش جەھەتتە، شەھەر ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى، ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ئىدارە قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، شەھەر ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان ۋە ئورگانىك جىپسىلاشتۇرىدىغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىشى كېرەك.

«شۇ ئىزلار ئاشۇ تاغنىڭ ھۆسنىگە بېرىپ زىننەت، بۈگۈن ئۇ كۆرۈنمەكتە تېخىمۇ گۈزەل-ھەيۋەت.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى، مۇھىم، زور ۋەزىپىسىنى يۈكلەيدۇ. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كەلگەندىلا، پۇدۇڭ چوقۇم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى