تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تېرىقچىلىق» ئارقىلىق گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىلدى

يېڭىسار ناھىيەسىدە:

«تېرىقچىلىق» ئارقىلىق گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رايىدە، جاڭ جىلى، ۋاڭ جېن، ياڭ ۋېي

10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى كۆكتات تېرىش بازىسىدا، ئەگمە پارنىكتىكى شوخلىلار ئۆسۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى، كەنت تەكلىپ قىلغان تېخنىكا يېتەكچىسى كۆكتات پەرۋىشىدە زىيانسىز ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق تېرىقچىلىق پەرۋىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

«مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ ئەگمە پارنىكىدىن بۇ يىل ئىككى توننا شوخلا ئالالىشىمىز مۇمكىن، سېتىش يولىدىن غەم قىلمايمىز، شوخلا تېخى پىشماي تۇرۇپلا زاكاز قىلىنىپ بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى تاجىگۈل ئابلىكىم خۇشال ھالدا.

يېڭىسار ناھىيەسىدە ئىلگىرى بىرمەھەل نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، نامراتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر مۇرەككەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىسار ناھىيەسى تېرىشقا بولىدىغان 450 مىڭ مو يەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتتى، بۇ يەردىكى دېھقانلار «تېرىقچىلىق» ئارقىلىق گۈزەل يېڭى تۇرمۇشىنى ياراتتى.

پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2013 - يىلىدىكى 2147 يۈەندىن بۇ يىل مۆلچەردىكى 10 مىڭ 451 يۈەنگە يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %25.37 بولدى.

سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، تېرىقچىلىق ئىشەنچى ئاشتى

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مۇخبىر يېڭىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئالدىراشلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، قاتار - قاتار رەتلىك تىزىلغان سوۋغاتلىق قۇتىلارنى كۆردى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر چەبدەسلىك بىلەن سوۋغاتلىق قۇتىلارغا پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئايرىپ قاچىلاۋاتاتتى.

«مەن ئۆرۈكىمىزدىن بۇنداق كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم» دېدى لومپا يېزىسى تېتىر باغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زورىگۈل تۆرە بىر تەرەپتىن ئورىغاچ، بىر تەرەپتىن سۆزلەپ.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، ئۆرۈكلۈك كۆلىمى 150 مىڭ موغا يېتىدۇ، «جۇڭگو سەمەت ئۆرۈكى ماكانى» دېگەن نامى بار.

ئۇزاقتىن بۇيان، يىرىك شەكىلدىكى ئېتىز پەرۋىشى، ھەمدە بازاردىن بىرقەدەر يىراق بولۇش، يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى بىرقەدەر قىسقا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر باغۋەنلەرنىڭ ئۆرۈك ئۆستۈرۈشى تەس بولۇش، ئۆرۈك سېتىشى تېخىمۇ تەس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

2018 - يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت يېڭىسار ئۆرۈكى ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۆرۈكلۈكلەرنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىشىگە كۈچ چىقاردى، ئۆرۈك كەسپى تەدرىجىي ھالدا شۇ جايدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

زورىگۈل مۇخبىرغا ئائىلىسىنىڭ ئون مو ئۆرۈكلۈكىدىن بۇ يىل مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى ئېيتتى. «ئىلگىرى ئۆرۈكنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئون مو يەردىكى ئۆرۈكنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى، بۈگۈنكى كۈندە تېخنىكلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى، بۇ يىل 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدار ئىزدەش ئۈچۈن قاترىمىساممۇ بولىدۇ، ھەممىسىنى شىركەت سېتىۋالدى».

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، يېڭىسار ئۆرۈكىنى چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كەلدى. يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مېھرىگۈل ئۆمەر مۇنداق دېدى: يېڭىسار ناھىيەسى 194 دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئاساس قىلىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۆرۈك كەسپىنى خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇردى.

ئوخشاش يەردىن تېخىمۇ يۇقىرى پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى.

«ئائىلىمىزدىكىلەر ئۆستۈرگەن چىلاننى پەرۋىش قىلىش - ئاسراشنى بىلمىگەچكە، ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئىزچىل ياخشى بولمىغانىدى، كەنت مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىگەندىن كېيىن، ھوسۇل يىلدىن - يىلغا ئاشتى، بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلى 700 كىلوگىرامغا يەتتى، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئائىلىمىز 100 مو چىلانلىقتىن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ» دېدى ئەگۈس يېزىسى كامپا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ماھىنۇر تۇرسۇن.

قۇرۇلما ئەلالاشتۇرۇلدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپەيدى

9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى ئايلانغاندا، رەت - رەت كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ يېزىلاردىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ماڭشىن بازىرى يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى ئەگمە پارنىك كۆكتات تېرىش بازىسىدا ھاۋاگۈل قاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى لازا ئۈزۈۋاتاتتى.

يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دېڭ پىڭپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئادەم كۆپ، يەر ئاز، تېرىقچىلىق تەننەرخى يۇقىرى، يەرنى يىرىك ئىگىلىك بويىچە باشقۇرۇش ھەم پايدا نىسبىتى تۆۋەن بولۇشتەك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بازار كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كۆكتات تېرىش بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ يىل 3 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 1400دىن ئارتۇق ئەگمە پارنىك ياسالدى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 630 مو كېلىدۇ. «بۇ يىل، كۆكتات بازىسى تۇنجى قېتىم 300 ئەگمە پارنىكقا لازا تېرىدى، ھەربىر ئەگمە پارنىكتىن 300 كىلوگىرامدىن 400 كىلوگىرامغىچە لازا ئېلىش مۆلچەرلەندى.» دېڭ پىڭپىڭ مۇنداق دېدى: كۆكتات بازىسى شەندۇڭدىكى بىر كارخانا بىلەن سېتىۋېلىش - سېتىش توختامى ئىمزالىدى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئون يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، ھەربىر ئەگمە پارنىكنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

«بىزنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم مائاشىمىز بار، كۆكتات ئۈزۈش مەزگىلىدە، ھەربىر كىلوگىرامنى ئۈزسەك يەنە بەش مو كىرىم قىلالايمىز، يىل ئاخىرىدا يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىماتى بار.» كىرىمى توغرىسىدا سۆزلىگەندە ھاۋاگۈلنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.

دېڭ پىڭپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لازا تېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ، ئەمما تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا بولغان تەلەپمۇ ناھايىتى يۇقىرى. «تۇنجى يىلى تېرىغاندا، تېخنىكا خادىملىرىمىز پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلدى، نۆۋەتتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ بولدى، تېرىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسىدە تېرىلغان ئالاھىدە ئاچچىق لازا كۆلىمى 6000 مودىن ئارتۇق بولۇپ، ھەممىسى زاكاز بويىچە تېرىلغان، ھوسۇلىنىڭ 2000 توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

مېھرىگۈل ئۆمەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭىسار ناھىيەسى مەخسۇس ئاپپارات قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۆكتاتچىلىق كەسپىگە تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش پىلان لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۆكتاتچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆكتات تۈرلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان. «نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە كۆكتات تېرىقچىلىقىدا ئاساسلىقى لازا، چەيزە، ليەنخۇابەي، سەي كاۋىسى، جاڭدۇ قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى بىرلىك قىلىپ ھازىرقى ئەگمە پارنىكلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش تېرىپ باشقۇرۇپ، كۆكتات تېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، نۆۋەتتە 50 مىڭ ئەسلىھەلىك ئەگمە پارنىك ياسالدى» دېدى مېھرىگۈل ئۆمەر.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، يېڭىسار ناھىيەسى كۆكتات بازىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى پىلانلاپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىغىمۇ پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى.

بۇلتۇر ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، ساغان بازىرى ئارالەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھېلىمىگۈل مەمەت ھويلىسىغا ئەنجۈر كۆچىتى تىكىپ، ئۈزۈم سورتىنى ياخشىلاپ، ئائىلىسىنى سىجىل مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى. ھېلىمىگۈل مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئائىلىمىزدىكى ئەنجۈرلەرنى 2500 يۈەنگە ساتتۇق، بۇنىڭغا ئۈزۈمدىن قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، بۇ يىل كىرىمىمىز 3500 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى، كىچىككىنە ھويلا ئائىلىمىزگە زور كىرىم ئېلىپ كەلدى».

نۆۋەتتە يېڭىسار ناھىيەسى 50 مىڭ ئائىلىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، «ئالىقانچىلىك يەر»نى «كىرىمنى ئاشۇرىدىغان باغ»قا ئايلاندۇردى.

سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلدى، تونۇلۇش دەرىجىسى ئاشتى

يېقىنقى كۈنلەردە، چولپان يېزىسىنىڭ بايئېرىق كەنتىدىكى سەي كاۋىسى ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئۈزۈش، سېۋەتكە قاچىلاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش، ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى توپ سېتىش بازارلىرىغا ئەۋەتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بىز تېرىغان سەي كاۋىسى بۇرۇنلا زاكاز قىلىنىپ بولدى، ھازىر تېرىغان كۆكتاتلىرىمىزنى سېتىشتىن قىلچە غەم قىلمايمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئابلىز.

چولپان يېزىسىدىكى كۆكتات پارنىكى تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 150 مو بولۇپ، 300 ئەگمە پارنىك بار، بۇ، يېزىدىكى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىلىرىنىڭ بىرى. سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چولپان يېزىسى توردا زاكازلىق مال تارقىتىش، تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىپ سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ساتتى. «10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت توننا بەسەي بىلەن سەي كاۋىسى قەشقەر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىلدى. دېھقانلار پەقەت يىغىۋېلىشقىلا مەسئۇل، سودىگەرلەر ھەر كۈنى ماشىنىدا ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى شەندۇڭ جىنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى شى لېي.

«بىز تېرىغان كۆكتاتلارغا زاكاز بار، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان، پىششىقلايدىغان كارخانىلار بار، بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتى بار، ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش سۇپىسى بار، دېھقانلار سېتىشتىن غەم قىلمايدۇ، پەقەت ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ» دېدى مېھرىگۈل ئۆمەر ئىشەنچ بىلەن.

بۇ يىل، يېڭىسار ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىسىدىن ئىككىنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىسىدىن يەتتىنى ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت «نامراتلارنى يۆلەش 832» سۇپىسىغا نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىدىن 99نى تەستىقلاتتى ۋە كىرگۈزدى. پۈتۈن ناھىيە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 12 مىليون 270 مىڭ يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ، 41 مىليون 110 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بەردى.

شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈچيەن مۇنداق دېدى: «ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى ياخشى بولدى، نۆۋەتتە توردىكى سېتىلىش سوممىسى كارخانىنىڭ ئومۇمىي سېتىش مىقدارىنىڭ %40ىنى ئىگىلىدى».

«نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە كۆلەملەشكەن، خاسلاشقان تېرىقچىلىق شەكىللەندى، نۇرغۇن سۇپا ۋە يوللارنىڭ ياردىمىدە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇئەييەن تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە بولدى، ئىشىنىمەنكى، تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ» دېدى مېھرىگۈل ئۆمەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى