تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەڭ جانلىق رېئال ئىسپات ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي كارتىنا

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

30 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، پۇدۇڭ ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان رايوندىن فۇنكسىيەسى توپلاشقان، مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولغان بىر زامانىۋى يېڭى شەھەرگە ئايلاندى، بۇنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورۇن ۋە بۇرچنى ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

30 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى چوڭ ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش مۇھىم، زور تەدبىرىنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. 30 يىلدىن بۇيان، پۇدۇڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/8000 كۆلىمىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/80 ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى، 1/15 مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى ياراتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، تۇنجى پۇل مۇئامىلە سودا رايونى، تۇنجى باجدىن خالىي رايون قاتارلىق بىر قاتار «مەملىكەت بويىچە تۇنجى»لارنى بارلىققا كەلتۈردى؛ يادرولۇق رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساسىي گەۋدە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتەكچى، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئۇچقاندەك ئۆرلىدى، 2019-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 71 مىڭ 647 يۈەنگە يەتتى. 30 يىل توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى، 30 يىل قار-يامغۇر، ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈردى، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: «پۇدۇڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتى كۆزنەكلىك رولى، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنىڭ بولغانلىقىدا، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىنىغانلىقىدا، باشلامچى بولۇش رولىنىڭ بولغانلىقىدا».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ جانلىق رېئال ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي كارتىنا بىلەن تەمىنلىدى!» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، يېڭى مەزگىلنى باشلاشتىن يېڭى ئەسىرگە ھالقىپ كىرىشكىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىشتىن مۇكەممەللىشىشكىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو خەلقى قورسىقى تويماسلىق، كىيىمى پۈتۈن بولماسلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى تامامەن توغرا؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك!

ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان 30 يىل. يېڭى مۇساپىدە، پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتكە قويۇپ پىلانلاش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ ئويلىشىش ۋە پىلانلاش بىزنىڭ ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى، مۇھىم، زور ۋەزىپىسىنى يۈكلەيدۇ. پۇدۇڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، «تۆت ئىشەنچ»نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشى كېرەك.

يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلانغاندا، پۇدۇڭ 30 ياشلىق قىران مەزگىلىدە قايتىدىن ئاتلاندى. پۇدۇڭنىڭ ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىق مۇساپىسىدە ماڭغىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولى بولدى، دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش يولى بولدى، كونا قائىدە-تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان يول بولدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، پۇدۇڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى