تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چۆللۈكتە تۆگە بېقىپ بېيىش

كەلپىن ناھىيەسىدىكى تۆگە باققۇچى زىبىرگۈل مىرزى ئۆيىدىكى تۆگىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا (10-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھەر كۈنى سەھەردە، ئەخەت خوتۇنى بىلەن بىللە تۆگە پارنىكىغا كېلىپ، ئون نەچچە سۈت تۆگىسىدىن سۈت ساغىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، تۆگە سۈتىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل دەل ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، تۆگە سۈتى سودىسىنى تاماملايدۇ.

  49 ياشلىق ئەخەت ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدىكى چارۋىچى بولۇپ، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن باققان 70 تۆگە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. خوتۇنى زىبىرگۈل مىرزى مۇنداق دېدى: تۆگە سۈتىنى شۇ كۈنى سېغىپ، شۇ كۈنى ساتىمىز، ھەر كىلوگىرامى 50 يۈەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز».

   «بۇ بىر نەچچە يىلدا تۆگە سۈتىنىڭ باھاسى خېلى ياخشى بولدى، سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايمىز، بىز تۆگە سۈتىدىن قېتىق، قۇرۇت قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ سىناق تەرىقىسىدە سېتىۋاتىمىز، ۋاقتى كەلگەندە كىرىمىمىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ» دېدى ئەخەت. ھازىر ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى يېڭى تۆگە سۈتىنى كارخانىغا سېتىپلا قالماي، يەنە ۋېيشىن زاكاز تالونى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە سېتىپ بەردى، تۆگە سۈتى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. تۆگە سۈتى، تۆگە تىۋىتى ۋە تۆگە سېتىشنى قوشقاندا، ئەخەت ئائىلىسى بۇلتۇرقى يىلى تۆگە بېقىش ئارقىلىق 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

   كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلپىن ناھىيەسى چارۋىچىلىق چوڭ ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ناھىيەدە بېقىلىۋاتقان تۆگە 9200 بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تۆگە چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى چارۋىچىلىقتىن كەلگەن.

  ئورنى چەت-يىراق، ياز پەسلى ئىسسىق، قىش پەسلى سوغۇق، ھۆل-يېغىن ئاز، چېگرا ئىچىدىكى شورلۇق يەر كەڭ بولغاچقا، كەلپىن ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە دەپ بېكىتىلگەن. ئىلگىرى تۆگە باققۇچىلار مۇشۇنداق مۇھىت ئاستىدا، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تۆگە توپىغا ئەگىشىپ، تەرەپ-تەرەپتە چارۋا باقاتتى، شارائىت جاپالىق ئىدى، گەرچە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تۆگە بېقىپ تىرىكچىلىك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۆگىگە تايىنىپ ھەقىقىي بېيىش يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئىش ئىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى شۇ جاينىڭ مول تۆگە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، تۆگە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. 2019-يىلى، كەلپىن ناھىيەسى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۆگە مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، بىرتۇتاش بېقىش، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، باقمىچىلىق ۋە سۈت سېغىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن، ئۆلچەملەشكەن سۈنئىي باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، تۆگە باقمىچىلىقى كەسپىنى زورايتتى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش كەلپىن ناھىيەسىنىڭ مەخسۇس تۆگە سۈتى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. زاۋۇت بىناسى يىل ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن، كۈندىلىك تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاش مىقدارى 10 توننىغا يېتىپ، ئەتراپتىكى 300 كىلومېتىر دائىرىدىكى تۆگە سۈتى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   باقمىچىلىق، سېتىش، پىششىقلاش... تۆگىچىلىك كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەللەشتى، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. 2019-يىلى پۈتۈن ناھىيەنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ يىل %14.5 ئېشىپ، 12 مىڭ يۈەندىن ئارتۇققا يەتتى.

  كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، پىكاپ ھەيدەپ تۆگە باقمىچىلىق بازىسىغا بېرىپ ئىشلەش... ئەخەتكە ئوخشاش، كەلپىن ناھىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ باقمىچى بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

كەلپىن ناھىيەسىدىكى تۆگە مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسىدا، ئىشچىلار تۆگىگە يەم بەرمەكتە. (10-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
بۇ كەلپىن ناھىيەسىدىكى تۆگە مەركەزلىك باقمىچىلىق بازىسى (10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى