تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتتىكى ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىلىرى

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى چاشقان چاپلاشتۇرۇش تاختىسى زاۋۇتىدا، ئوزۇرئالې قاشقارباي (سولدا) ئوبۇلقاسىم ھېيت بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى مەسلىھەتلەشمەكتە (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى بۇخەدىچە مەمتىمىن ئۆيىدە تازىلىق قىلماقتا (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتى جامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىدە، كەنت ئاھالىلىرى سۈپۈرگە ياسىماقتا (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى، خەۋىرى): «نامراتلىقىدىن بۇ كەنتتە پەقەت نامرات ئائىلىلا قالدى» ئوزۇرئالې قاشقارباي تۇنجى قېتىم ئۇزۇنئېرىق كەنتىگە كەلگەندە، بەزىلەر بۇ نامرات كەنتنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەنىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018-يىلى ئوزۇرئالې ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجىسى بولدى. بۇ كەنت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونغا تەۋە ئىدى. پۈتۈن كەنتتە 1900غا يېقىن ئادەم بار بولۇپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن يېرىم مو يەر توغرا كېلەتتى، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا جەمئىي 1200گە يېقىن نامرات ئاھالە بار بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %60تىن ئاشاتتى.

كەسىپ بولمىسا، كەسىپ يارىتىش كېرەك. ئوزۇرئالې تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇم-بوران بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە، سۈپۈرگىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يەنە بورا توقۇشتەك ئەنئەنىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇنى ئاسانلا ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. ئوزۇرئالې ئادەم تېپىپ مەبلەغ توپلاپ سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك دۇكان قۇردى، بىر نەچچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن، سۈپۈرگە مەھسۇلاتلىرى ئاخىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بازار ئېچىلغاندىن كېيىن، ناھىيە مەبلەغ چىقىرىپ، 1000 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ سۈپۈرگە زاۋۇتى قۇردى، 100گە يېقىن ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئاھالە ئىدى. بىرلا خىل مەھسۇلات ئاق قوناق سۈپۈرگىسىدىن بامبۇك سۈپۈرگە، چىغ سۈپۈرگە، بيەنسى چوڭ سۈپۈرگە ۋە توبا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا تەرەققىي قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە يىللىق سېتىش سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ئوزۇرئالې تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن نۇرغۇن ئۇششاق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش دۇكانلىرى ياكى كىچىك زاۋۇتلارنى ئېچىشىنى قوللىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە 16 كىچىك زاۋۇت، 28 يەككە سودا-سانائەتچى بار، مەھسۇلاتلىرى تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە چېتىلىدۇ.

«تېخىمۇ مۇھىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنىلا ئويلىماستىن، بەلكى مائاشنىڭ قاچان تارقىتىلىدىغانلىقى، قانچىلىك چىقىشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى» دېدى ئوزۇرئالې. بۇ ئىلگىرىلەش بۇ نامرات كەنتنى ھەقىقىي يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى