تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى غەمخورلۇقنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ئابىدە، ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى) «بالىنىڭ تەن سالامەتلىكى خىلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ، بىزمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق. قانداق تەلىپىڭىز بولسا بىزگە ئېيتىڭ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىمىز.» 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چۇمبۇس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، بىرىنچى شۇجى ۋاڭ پېيفاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى چۇمبۇس كەنتىنىڭ ئاھالىسى ھوشۇرگۈل مەمەتكە شۇنداق تاپىلىدى.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلىدى.

  ھوشۇرگۈل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى رەناگۈل تۇرسۇننىڭ تېلېفونىنى ھەر كۈنى قوبۇل قىلدى.

  «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مېنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىم، ھەر كۈنى تېلېفون قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى سۆزلەيدۇ، ئائىلەمنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بالام ئاغرىپ قالغاندا بىرىنچى بولۇپ بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار» دېدى ھوشۇرگۈل.

  ئاممىنىڭ دەۋا، تەلىپىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چۇمبۇس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت دەرىجىلىك ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، دەۋا، تەلىپى دەپتىرى تۇرغۇزۇپ خاتىرە قالدۇردى ھەم مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنى داۋاملىق غەم ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى قارا گۈلساي كەنتىدە، گەرچە باش قىش مەزگىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنىڭ لاپاس بازىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدى، رەتلىك ئۆسكەن كۆكتات مايسىلىرى ئوخشاپ كەتكەنىدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە لەڭگەر بازىرى قارا گۈلساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لو جىفېڭ كەنتتىكى پىدائىيلارنى باشلاپ، بۇ يەردە ئوت-چۆپ ئوتاپ، ئېتىزلىقنى سۇغرىۋاتاتتى.

  «كەنتىمىزدە جەمئىي 70 لاپاس بار، يۇمغاقسۈت، جۇسەي، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ. يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ى مەخسۇس مۇلازىمەت كىچىك ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەركۈنى لاپاسنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بىز ناھىيەدىكى كۆكتات تەمىنلەيدىغان شىركەت بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم قىلىپ ئالاقىلىشىپ سېتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردۇق» دېدى لو جىفېڭ.

  قارا گۈلساي كەنتىدە 270 ئائىلە 1090 ئادەم بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى كۆكتات، يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈش ۋە باقمىچىلىقتىن كىرىدۇ. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى، پىدائىيلار بىرلىكتە ئۆيدە تۇرغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شاپتۇلىنى ئۈزۈشۈپ بەردى، شۇنداقلا يېڭى ساقلاش ئىسكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ساقلاپ بەردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر قارا گۈلساي كەنتىدىكى قىسمەن ئاھالىلەر سىرتتا پاختا تىرىۋاتقاچقا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋاقىتلىق باقمىچىغا ئايلاندى.

  «ئۆيۈمدە ئالتە قوي ۋە 15 توخۇ بار، خىزمەت ئەترىتى ھەر كۈنى يەم-خەشەك بېرىپ قويىدۇ، ۋېيشىن سىنى ئارقىلىق ئۆيۈمنىڭ ئەھۋالىنى ماڭا كۆرسىتىپ مېنى خاتىرجەم قىلىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى قۇرباننىساگۈل سىدىق تېلېفوندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى