تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەردە 111 مىڭ پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا: «ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز»

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ئابىدە، ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، شۇ جايدىكى 111 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، يېزا-كەنت چىغىر يوللىرىدا تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۇچۇر خادىمى، مال سېتىۋالغۇچىسى، تېز يەتكۈزگۈچىسى، تەشۋىقاتچىسى بولدى.

  ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ قوشنىلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:00دا، قەشقەر شەھىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق رېن يابىڭ بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، توكسىكلىت بىلەن مەھەللىنى چارلاپ، قوشنىلىرىغا كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە تۈرلۈك دورىلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر شەھىرى قۇياش نۇرى مەھەللىسىدىكى پىدائىي رېن يابىڭ ئاھالىلەرگە مېۋە-چېۋە يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  «تىرانسپورت مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىدا ھازىر ئاھالىلەردىن تەشىكىللەنگەن پىدائىيدىن 14ى بار، بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:00دىن باشلاپ مەھەللىدە كۆپچىلىككە تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز.» رېن يابىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئازراق تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن».

  ئوخشاشلا پىدائىي بولغان 6-بىنادىكى بىنا باشلىقى لى يۈنفېي ھەر كۈنى بىنا كارىدورىدىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە بىنادىكى قىيىنچىلىقى بار نەچچە ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغىمۇ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  «كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجى بولسا، بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز» دېدى لى يۈنفېي.

  ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسى 216 پىدائىينى مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، قاتناش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، ماددىي ئەشيالارنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

  ئېتىز ئىشلىرىغا بىز بار

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 03:00تە، كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدە، پارتىيەلىك پىدائىي ئابلاجان ئىمىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچ ئەزانى باشلاپ، دېھقانلارنىڭ قىشلىق سۇغىرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

  «ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەنت ئاھالىلىرىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توشۇپ بەرگەندىن باشقا، بىز يەنە ئېتىزدا ئۇلارغا ياردەملىشىپ يەر سۇغىرىپ، ئېتىزدىكى پىشقان چامغۇرلارنى يىغىپ بېرىمىز» دېدى ئابلاجان ئىمىن. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئابلاجان ئىمىن كەنتتىكى 35 پىدائىي بىلەن ئىزچىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.

  قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش گۇرۇپپىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى تەشكىللىدى، ئۇلار كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كەنت ئاھالىلىرى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىدائىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «بۇ پىدائىيلار كەنتنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، كەنتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى» دېدى تېرىم يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يۇلغۇنبوغرا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇ سېنسېن.

  ماسكىنىڭ كەينىدىكى چىرايىڭلارنى كۆرگۈمىز بار

  «ئۇلار قىزىل جىلىتكە كىيىپ، ماسكا تاقاپ، بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىمىزغا ياردەملىشىپ، كۆكتات، دورا ئەكىلىپ بەردى. گەرچە يۈزىنى ئېنىق كۆرەلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز.» ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدىكى 55 ياشلىق پەيزۇللا ئابدۇرېشىت ھەر كۈنى كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىدىغان پىدائىيلارنى ماختىدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.

  پەيزۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ خوتۇنى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. ھەر قېتىم ئائىلە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە دورىلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، رېن يابىڭ قاتارلىق پىدائىيلارغا تېلېفون قىلاتتى، خوتۇنى ئېھتىياجلىق دورىلارغا بەزىدە ئالدىراپ كېتەتتى، رېن يابىڭ ۋە باشقا پىدائىيلار ئەزەلدىن كېچىكتۈرمەي دەل ۋاقتىدا موماينىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرەتتى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبۇغرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن ئوسمان تەسىرلەنگەنلىكىدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. «بۇنداق ياخشى پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق جاپا تارتىدۇ، يەنە بىزگە ياردەملىشىپ قىشلىق سۇغىرىش ئىشلىرىمىزنى قىلىپ بەردى، يەنە تېخى ماڭا ياردەملىشىپ ئېتىزدىكى چامغۇرلارنى يىغىشىپ بەردى، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن چوقۇم ئۇلارغا ياخشى رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ ماسكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چىرايلىق تەبەسسۇمنى كۆرگۈم بار» دېدى تۇرغۇن ئوسمان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى