تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 ۋۇ يوۋجى: قىزىمنىڭ ئىسمى گۈلى

بايان قىلغۇچى: ۋۇ يوۋجى

خاتىرلىگۈچى: شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان ئۆزۈمنىڭ، قېرىغاندا بىر قىزلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.

قىزىمنىڭ ئىسمى گۈلبەھرەم ئەنۋەر، مەن ئۇنى گۈلى دەپ چاقىرىمەن. ئۇ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى.

1999-يىلى، مەن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاقتىكەن دۆڭ يېزىسى ئىسسىق ئوتاق كەنتىگە كېلىپ كېيىنكى ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. مەن كەنتتىكى «بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە»، شۇنداقلا كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. نوپۇسۇمنى ئورناتقاندا، كەنتتىكى يەر ئاللىقاچان ھۆددىگە ئېلىنىپ بولغانلىقتىن، مېنىڭ يېرىم يوق ئىدى، ياش ۋاقتىمدا ئانچە-مۇنچە ئىش قىلىپ ئۆزۈمنى باقتىم، ھازىر 78 ياشقا كىردىم، بەشتە كاپالەت پۇلى ۋە كۈتۈنۈش پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن.

ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە مەن ئۆمرۈم مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن كۈنلىرىمدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، گۈلى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كىردى.

تۇنجى قېتىم ئۆيۈمگە كەلگەندە، گۈلى ماڭا ياردەملىشىپ يەر سۈپۈرۈش، يەر سۈرتۈش، ئۆي يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىردىنلا ئۆي يورۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىزمەت ئالدىراش بولمىسىلا، گۈلى مېنى يوقلاپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىدىغان بولدى، يەنە دائىم ئېرى ۋە بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان ئاماللار توغرىسىدا ئىزدەندى، ئەسلىدىكى سوغۇق ئۆيدە بىردىنلا نەچچە جان ئادەم كۆپەيدى، قىزىم، كۈيئوغلۇم، نەۋرەم بار بولدى، مەن چۈشۈمدىمۇ بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.

2017-يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، گۈلى ئېرى ۋە قىزى بىلەن، قوي گۆشى، ساڭزا ۋە قەنت-گېزەكلەرنى ئېلىپ ئۆيۈمگە كەلدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى جياۋزى تۈگۈپ، پانۇس ئېسىپ، دۈيليەن چاپلىدۇق، ئۆينىڭ ئىچى خۇشال-خۇرام كەيپىياتقا تولدى، خۇددى تېلېۋىزوردىكى بەختلىك تۇرمۇشقا ئوخشاش، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلمايدىغان چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىنى ئۆتكۈزدى، مەن بىر ئۆمۈر ئاشۇ «بالا-چاقا، نەۋرە-چەۋرىلەر بىلەن تولغان» چاغاننى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

2018-يىلى قىشتا، مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتۇمنى يارىلاندۇرۇۋالدىم. گۈلى ئاڭلاپ، مېنى دەرھال ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بالنىستتا يېتىش ھەققىنى تاپشۇردى، مېنى تەكشۈرتكۈزدى، داۋالاتتى، ئۈچ ۋاق تامىقىمنى ئېتىپ بەردى... بىر قانچە كۈن پايپېتەك بولۇپ يۈردى، كېسەلخانىدىكى ئاغرىقلار ماڭا ھەۋەس قىلىپ: «لاۋۋۇ، بۇ قىز ساڭا ئۆز قىزىڭدىنمۇ بەك يېقىن ئىكەن» دېيىشتى.

2019-يىلى 10-ئايدا، گۈلى يان تېلېفونۇمنىڭ ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە مەخسۇس ماڭا يېڭى يان تېلېفون ئېلىپ بەردى.

مەن ئىزچىل گۈلىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدىم، ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن ياشانغانلار تۇرمۇشىدا بولىدىغان تەنھالىق ۋە زېرىكىشنى ھەيدىۋەتكەنلىكىگە، ماڭا ئاخىرقى ئۆمرۈمدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ماڭا نامرات تۇرمۇش ئىچىدە ئۈمىد ۋە كەلگۈسىنى كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى