تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن مېۋىچىلىك شىركىتى توردا ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ يەنيەن، گې شۈ): يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مېۋىچىلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئايدىن بۇيان، بىڭتۇەن مېۋىچىلىك شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن شاڭخەي فېڭگېڭ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىيۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش (نەنجىڭ) داڭلىق ماركىلارنى باشقۇرۇش شىركىتى، گۇاڭجوۋ چيەنشيەن ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پىڭدودو، دوۋيىن قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 10 مىڭ توننا قۇرۇق، يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنى يىغىپ ساقلاش، سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  بۇ يىل، بىڭتۇەننىڭ باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى بازىرى تارىيىش، ئامباردا بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىڭتۇەن مېۋىچىلىك شىركىتى بىڭتۇەننىڭ باغ-ئورمان باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى شىلارنىڭ باغ-ئورمان كەسپىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، قۇرۇق، ھۆل مېۋە يىغىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، توردا، تور سىرتىدا پائال ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتتى، تەشۋىق قىلدى، ساتتى. بىڭتۇەن مېۋىچىلىك شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2-شىغا بېرىپ نەشپۈت سېتىۋالدى، 1-شىغا بېرىپ ئالما، چىلان ۋە ياڭاق سېتىۋالدى. تۇنجى تۈركۈمدە سېتىۋېلىنغان 75 توننا نەشپۈت، 2000 توننا ئالما كەينى-كەينىدىن يولغا چىقتى، سېتىۋېلىنغان 1000 توننا چىلان، 1000 توننا ياڭاقنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، بىڭتۇەن مېۋىچىلىك شىركىتى بايلىق، يول ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ماركېتىڭ ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىڭتۇەننىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى