تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ جو): يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 3-نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ مەزگىلىدە، 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا جانلىق پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىش»تىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك پەن تەتقىقات بايلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش» پىلانى ۋە «<ئىلىم-پەن ۋە جۇڭگو> ئىلىم پەن تەربىيەسى» پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق ئاكادېمىيەلەر مەملىكەت بويىچە 2020-يىلى 3-نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن بايرىمى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى توققۇز كۈنلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىلىم-پەن توغرىسىدا ئوچۇق دەرس، ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ياساش، ئىلمىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتى، چۆل-باياۋان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ گۈزەللىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

  پائالىيەت داۋامىدا، تەتقىقات ئورنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا سارىيى بىلەن بىرلىشىپ، 3-نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن بايرىمى ئىلىم-پەن توغرىسىدا ئوچۇق دەرس سۆزلەشنى تەشكىللىدى، سانجى ئوبلاستىدىكى 15 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 340 سىنىپنىڭ 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شياۋشۇاڭنىڭ گېن يۆتكەش توغرىسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلاتى  «زىرائەتلەرنى كۆندۈرۈش ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشى»نى توردا ئاڭلىدى. سانجى ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا ئىدارىسى يەنە «پەن-تېخنىكا سارىيى + مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچى»مېخانىزىمىنى تايانچ قىلىپ، تەتقىقات ئورنى ھەم سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، سانجى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار ۋە يەتتە ناھىيە(شەھەر)دىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توققۇز مەيدان «سانجى ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى» لىنىيەسىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى.

  تەتقىقات ئورنى ئەۋرىشكە سارىيىدا ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ياساش ئىلمىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 113-ئوتتۇرا مەكتەپ، 88-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شىنجاڭ داشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ياسايدىغان كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار ئەۋرىشكە يىغىش، توپلاش، رەتلەش، ياساش قاتارلىق ھالقىلارغا ئەستايىدىل، ئىنچىكە چۈشەنچە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋرىشكە ياساش بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگەتتى.

  ئىلىم-پەن بايرىمى پائالىيىتىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىغا بىر تۈركۈم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى ئىئانە قىلدى ھەمدە بېيجىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ ئاساسىي مەيدان كۆرگەزمە رايونىدا شىنجاڭنىڭ چۆل-باياۋان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فوتو-سۈرەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى