تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دوختۇرلارنى مەھەللىلەرگە كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىمىگۇ رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن دوختۇرلار تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە مەسلىھەت بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرى چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن ئۈچ دوختۇر-سېسترا تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىمىگۇ رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن دوختۇرلار تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى توغرا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  كۈز، قىش پەسىلى ئالماشقان مەزگىلدە بىر قىسىم كېسەللىكلەر كۆپ قوزغىلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى تەۋەلىك رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇر-سېسترالىرىنى مەھەللىگە كېلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ قان بېسىم، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. قىش پەسلىدە ياشانغانلاردا ئاسان كۆرۈلىدىغان تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ئاھالىلەرگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى ھەمدە ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلار، يالغۇز تۇرىدىغان چوڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە بېرىپ، كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىمىگۇ رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن دوختۇرلار تەۋەلىكتىكى جاڭ جيەنشىننىڭ كۆزىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىمىگۇ رايونى چېڭگۇڭ شەرقىي مەھەللىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شىبىن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەھەللە تۇرۇشلۇق خۇاجيەن قۇراشتۇرۇش شىركىتى ئائىلىلىكلەر قوروسى كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، ئولتۇرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىدىكى خۇاجيەن شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققانلار، ياشانغانلار نىسبەتەن كۆپ، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، بىز ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، قىشتىكى ئىللىقىمىزنى بىلدۈردۇق. كېيىن بىز تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىمىز».

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى جاڭ گوبىن خۇاجيەن ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 5-دەنيۈەندىكى 78 ياشلىق بوۋاي دەي جېنخۇڭنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنى چۈشەندۈرمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى