تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدا ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن 11ى قۇرۇلدى، قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقايلى

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ): 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى قىزىلبايراق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى تۇراخان بارات مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەركەز دېيىلىدۇ)نىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە چېنىقىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر بىر كۈننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىمەن!»

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تىيانشان رايونىدا مەھەللىلەردە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن 11ى قۇرۇلغان. بۇنداق مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى زادى قانداق جاي؟ قېنى بىز ئاھالە تۇراخان بىلەن بىللە كۆرۈپ باقايلى.

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى قىزىلبايراق مەھەللىسى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەمرۇللا ئېلى (ئوڭدا) 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇراخانغا ھەمراھ بولۇپ ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

   تۇراخان 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 11دىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركەزنىڭ چېنىقىش ئۆيى، خەتتاتلىق مەشىق ئۆيى، ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىگە بېرىپ، پۇت قىسمىنى مەشىق قىلدۇردى، موي قەلەمدە خەت يازدى، ئۇسسۇل ئوينىدى، ھەر بىر پائالىيەتكە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە قاتناشتى، سائەت 12لەردە بىر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن موماينىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

   تۇراخان مۇنداق دېدى: «بالام كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، نەۋرىلىرىم مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئېرىم بالدۇر تۈگەپ كەتكەن، كۈندۈزى ئۆيدە يالغۇز قالغاندا بەك زېرىكىشلىك ھېس قىلىمەن. مەن قاينام-تاشقىنلىقنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ جاي مېنىڭ ئېھتىياجىمغا بەك ماس كېلىدىكەن!».

   چېنىقىش ئۆيىدە يالقۇن ياسىن (سولدا) بىلەن تۇراخان (ئوڭدا) ئۈسكۈنىلەردە مېڭىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرماقتا.

   ھۆسىنخەت مەشىق ئۆيىدە خىزمەتچى مېھرىگۈل تۇرسۇن موماينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىكى خەت ئۈلگىسىنى ئىشلىتىپ خەت يېزىشىغا ياردەملەشتى.

تۇراخان (سولدا) مەھەللىدىكى ياشانغانلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئاچتى.

ئارام ئېلىش ئۆيىدە، ۋاڭ يۈفاڭ (ئوڭدا) بىلەن تۇراخان (سولدا) ئارام ئېلىپ پاراڭلاشتى ھەمدە مەركەزنىڭ مۇھىتىنى ماختىدى.

   شۇ كۈنى، قىزىل بايراق مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى. بۇ مەركەز ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان جەنۇبىي يولى غەربىي 4-كوچىسى بىشۈيۋەن ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، مەركەز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى ساغلاملىق باشقۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، پىسخىكىلىق ھال سوراش، كىتاب ئوقۇش، خەت مەشىق قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش، تاماق زاكاز قىلىش، چاچ ياساش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئەمەلىيلەشتى، كۆپ ئىقتىدارلىق زال، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، ئارام ئېلىش رايونى، چېنىقىش رايونى قاتارلىقلار ياشانغانلارغا ئېچىۋېتىلدى. ھازىر مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئۆزگىرىشى جانلىق ئىگىلىنىۋاتىدۇ ھەم بۇ مەركەزگە تەسىس قىلىنغان مەھەللە سەھىيە پونكىتى ساغلاملىق باشقۇرۇش ۋە كۈندىلىك فىزىكىلىق داۋالاش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   مەركەزدە ئۈچىنچى تەرەپ كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى تىجارەت قىلىدۇ. ياشانغانلار مەركەزنىڭ ئىچكى ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، غىزالىنىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردە تۆۋەن ھەق ئېلىش ياكى ھەقسىز مۇلازىمەت قوللىنىلىدۇ.


خىزمەتچىلەر تازىلىق قىلماقتا، بۇ يەردە ياشانغانلار پىسخىكىلىق مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

   «مەھەللىمىزدە 4656 ئاھالە بار، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 506 كىشى بار، نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى دائىم يېنىدا بولمايدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى، ئۇلارنى روھىي جەھەتتە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ بۇ مەھەللىدە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇشقا باشلىدۇق.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى قىزىلبايراق مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما شىنيەن مۇنداق دېدى: «بىز كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش، يۆلەنچۈك بولۇش، كۆڭۈل ئېچىش، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى