تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىڭگىل: ئەڭ نامرات كەنت ئاھالىسىدىن بېيىشقا يېتەكلىگۈچىگە ئايلىنىش

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دالىل ساخادنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ كەڭ مۇيناق كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ خوتۇنى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت دورا يەپ داۋالىنىشقا موھتاج، ئوغلىمۇ تۇغما ئەقلىي ئىقتىدارى ئاستا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار ئىدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېغىر تۇرمۇش يۈكى نۇر يىغالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دالىل ساخادنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن، ئۇ گەرچە ئىشچان ھەم جاپاغا چىدايدىغان، ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ھەممىلا يەردە تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان، قىشتا يەنە باشقىلارغا كۆمۈر توشۇپ بېرىش ياكى تۇرخۇنلارنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق پاسكىنا، جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ جان تىكىپ پۇل تاپىدىغان، ھەر يىلى تاپقان پۇلى ھەقىقەتەن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېببىي دورا بىلەن داۋالىنىش خىراجىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى.

  دالىل ساخاد ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇشىغا قانداق ياردەم بېرىش كەڭ مۇيناق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇلانبېك سالنىبابانىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى، ئۇ قايتا ـ قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق 5000 يۈەن ئىئانە قىلىپ، دالىلنى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇ دالىل ساخادنى مەسلىھەتلىشىشكە چاقىردى ھەم ئۇنىڭغا تاپىلاپ: «جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلىسىڭىزلا، مەن سىزگە 5000 يۈەن باشلىنىش مەبلىغى ياردەم قىلىپ، كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ، بىر قەدەر ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلىمەن» دېدى. دالىل ساخاد پۇل تېپىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولۇپ ئىشقا ئاشۇرالمىغانىدى، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلدى.

  «ئەينى چاغدا يېڭى ئۆينى ئۆزۈم بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن، لېكىن قولۇمدا پۇل كەمچىل بولغاچقا زىننەتلەنمىگەن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ تۇرغان. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت، بولمىسا ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىمۇ يوق ئىدى.» دالىل ساخاد پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىنى ماختىغاچ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە ئۇلانبېك شۇجىنىڭ ياردىمى بىلەن، كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەمچىلىك قىلىش قاتارلىق باشقا كىرىملەرنى ئېلىپ ئائىلىمىزدىكىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆينى بېزەيمەن.»

  كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىشقا باشلاپ بىر نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دالىل ساخاد ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى دائىم داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، تۇرمۇشىنى باياشات دېگىلى بولمايتتى، ئۇ دائىم قانداق قىلىپ بىر قەدەر باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايتتى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتتە ئۈچ يىلدا 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرزى بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دالىل ساخاد ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئىلتىماس قىلىپ مەبلەغگە ئوڭۇشلۇق ئېرىشتى. ئۇ يەنىلا مەبلەغ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، يەنە مەلۇم مىقداردا سودا قەرزى ئىلتىماس قىلىپ، كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، نۇرغۇن كۆمۈر بايلىقىنى توپ تارقىتىپ ساتتى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئىككى خىزمەتچى ياللاپ، ھويلىسىدا كۆمۈر سېتىش ۋە كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ھەر يىللىق كىرىمىنى يۈز نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، ئۆزىمۇ نامرات ئاھالىدىن بېيىشقا يېتەكلىگۈچىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى