«بىر قېتىم كۈلسەڭ، ئون يىل ياشىرىسەن». يېقىندا، شىۋېيتسارىيە بازېل داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كۈلۈشنىڭ تەكرارلىنىش دەرىجىسى بىلەن پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ باغلىنىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، كۆپ كۈلۈش قاقاقلاپ كۈلۈشكە قارىغاندا ئۆمۈرنى تېخىمۇ ئۇزارتىدىكەن.
پازېل داشۆسى پسىخولوگىيە شىسى كىلىنىكىلىق پسىخولوگىيە ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سىيا جېند شېلېنبېرگ ۋە دوكتور ئىزابېل كوللىنس مەكتەپتە ئوتتۇرىچە يېشى 22 ياش بولغان پسىخولوگىيە شىسىنىڭ 41 نەپەر ئوقۇغۇچىسى (بۇنىڭ ئىچىدە ئايال 33 نەپەر) ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 14 كۈنلۈك ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، سىناققا قاتناشقانلار ھەر كۈنى ئىختىيارىي ھالدا سەككىز قېتىم يان تېلېفوننىڭ ئاۋازلىق سوئالىنى قوبۇل قىلىپ، «بايا نېمە ئۈچۈن كۈلدىڭىز»، «قاقاھلاپ كۈلدىڭىزمۇ ياكى ياش ئاققۇچە كۈلدىڭىزمۇ» دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن ھەمدە بۈگۈن يولۇققان بېسىم ۋە بەدەن ئىنكاسى (مەسىلەن، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، بىئارام بولۇش قاتارلىقلار)نى تەسۋىرلەپ بەرگەن. نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18 قېتىم كۈلىدىكەن، كۈلكە ئادەتتە باشقىلار بىلەن يۈزمۇيۈز ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ئۆزىنى خۇشال قىلىش تەسىراتىدىن كېلىدىكەن. كۈلۈشنىڭ دەرىجىسى ۋە تەكرارلىنىش دەرىجىسىنى ھېس قىلىش ياش، جىنس ۋە بىر كۈندىكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلىكى سەۋەبىدىن پەرقلىنىدىكەن، مەسىلەن، ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا كۈلۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن؛ بىر كۈن ئىچىدە دائىم كۈلۈپ تۇرۇش، بىر قېتىملىق قاقاقلاپ كۈلۈشكە قارىغاندا بېسىمنى يېنىكلىتىش، كەيپىياتنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.
جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى