تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بەل ئاغرىسا ئالدىراپلا CTدا تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق

  نۇرغۇن كىشى بەل ۋە دۈمبە ئاغرىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، كۆپ ساندىكى بەل ئاغرىقى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە بولۇپ، ئالاھىدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. بېلى ئاغرىيدىغانلار ئالدى بىلەن بېلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئاغرىغانلىقىغا، قايرىلىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، بەل قىسمىغا سوغۇق ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ياكى داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  ئاغرىق دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، بەل ئاغرىقىنىڭ ئورنى ۋە خاراكتېرىنى ئېنىق دېيىش كېرەك. مەسىلەن، نوقۇل بەل ئاغرىقىمۇ ياكى پۇتلارمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىدىمۇ، پۇتىمۇ ئۇيۇشامدۇ، دىگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىيادە مېڭىش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، داۋاملىق ماڭالماسلىق، بىردەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭالايدىغان بولۇش قاتارلىقلار ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. دوختۇر بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن زۆرۈر فىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر بەل ئومۇرتقىسىدا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، بەل ئومۇرتقا نەيچىسى تارىيىش، بەل ئومۇرتقا تۇبۇركۇليۇزى قاتارلىق مەسىلىلەر بار دەپ گۇمان قىلىنسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  بەل، دۈمبە ئاغرىش دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپ ھاللاردا مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ياكى دورا ئىشلىتىش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالىغاندىن كېيىن، ئاغرىق پەسىيىدۇ،  ئاز ساندىكى ئاغرىقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋالىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بەل ئومۇرتقىسى CTسى ۋە يادرو ماگنېتىك رېزونانىسى نەزەرىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئىلغار، ئاغرىقلارنىڭ نەزەرىدە «تېخىمۇ ياخشى» تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە رېنتىگېن ناھايىتى ياخشى بولغان ئاساسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇرتقا تىزمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاغرىق «قىممەت بولغىنى ياخشى» دېگەن خاتا قاراشتىن قۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق تەكشۈرتۈش تۈرىنى تاللىشى كېرەك. بەل ئومۇرتقىسى CTسى سۆڭەك خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىش جەھەتتە يادرو ماگنىت رېزونانىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئوپراتسىيە پىلانىنى تۈزگەندە، بەل ئومۇرتقىسى CTسىدىن پايدىلىنشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، سۈرەت ئىلمىدىكى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش «بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى»گە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، %50تىن ئارتۇق بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىشنىڭ ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامىتى بولمايدۇ.

  سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقى ئاغرىقلىرى ئادەتتە قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ياخشى ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېگىزلىكى ماس كېلىدىغان ئورۇندۇقلارنى تاللاپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنى ساقلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت سافادا ئولتۇرۇش، پاكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، ئادەتتە 30-40 مىنۇت ئەتراپىدا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئارام ئېلىش، جىددىيلەشكەن مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، بەلنى سوزۇش، بەلنى ئېگىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئارىلىقتا 2-3 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك. ئۇخلىغاندا قاتتىقلىقى مۇۋاپىق كارىۋات تاللاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇخلىغاندا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياخشى ئەگرىلىك دەرىجىسىنى ساقلاپ، مۇسكۇل، تارىمۇش قاتارلىق قۇرۇلمىلار راھەت بولىدۇ، بەك يۇمشاق كارىۋات بەل قىسمىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن بەل ۋە دۈمبە تېلىپ ئاغرىيدۇ.

  بەل ۋە دۈمبە قىسمغا سوغۇق ۋە نەم ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  نەرسە يۆتكىگەندە تەييارلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق بەدەن قىزىتىش، تۇيۇقسىز ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىمەسلىك كېرەك، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ نەرسە-كېرەكلەرنى يۆتكىگەندە، بەلنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.

  بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرىنى مەخسۇس چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش. ئىشىكتىن چىقىپلا ماشىنىغا ئولتۇرماسلىق، ئۆيگە قايتىپلا سافادا يېتىۋالماسلىق كېرەك. ئاكتىپ چېنىقىش پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى