تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كەپتەر يۇرتى» كەپتەرچىلىكنى زورايتىشقا كۈچىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر سىدىق مىجىت

«كەپتەر شامال يۆنىلىشىدە تېز ئۇچىدۇ. مەن ھازىر كەپتەر باقىمەن، سىياسەتنىڭ قوللىشى، كارخانىنىڭ ياردىمى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسى بولغاچقا، باقمىچىلىق ئىشلىرىم شامال يۆنىلىشىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرگە ئوخشايدۇ» دېدى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى توقسۇ ناھىيەسى پەيشەنبە بازار يېزىسى پەيشەنبە بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇربان ئايۇپ.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن قۇرباننىڭ كەپتەر بېقىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ كەپتەرلەرنى بارغانسېرى ياخشى بېقىۋاتقانلىقى ئۇنى تولىمۇ خۇشال قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئاران باقمىچىلىق رايونىدا 200دىن ئارتۇق كەپتەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇ ھەرئايدا كەپتەر سېتىپ ئاز دېگەندە 800 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

كەپتەرخانىدىكى «بۇقۇلداۋاتقان» كەپتەرلەرگە قاراپ، قۇربان مۇخبىرلارغا كىرىم ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىپ بەردى: ئالدىنقى يىللاردا بىر كەپتەرنى 10 يۈەندىن 13 يۈەنگىچە ساتاتتىم، ھازىر 25 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئىلمىي بېقىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كەپتەرلەر تېز چوڭايدى، كۆپىيىش نىسبىتى ئۆستى، بىر توپ كەپتەرنى 40 كۈن باققاندا سانى بىر ھەسسىدەك كۆپىيىدۇ.

كەپتەر تىلغا ئېلىنسا، پەيشەنبە بازار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئەسقەر ئەخەتنىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق جىلۋىلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: توقسۇ دېھقانلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا كەپتەر بېقىش ئادىتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى پەيشەنبە بازار يېزىسى. پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەپتەر باقىدۇ، ئاز بولغاندا ئون نەچچىنى، كۆپ بولغاندا 200 - 300نى باقىدۇ، كەپتەر گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلار بەكمۇ ياقتۇرىدۇ، شۇڭا بۇ جاي «كەپتەر يۇرتى» دەپ ئاتالغان. پەيشەنبە بازار كەنتىدە ھەر پەيشەنبە كۈنى بازار بولىدۇ. مەخسۇس كەپتەر سودىسى قىلىدىغان بىر كوچا بار، دېھقانلار بۇ كوچىنى «كەپتەر كوچىسى» دەپ ئاتايدۇ.

«ئەمما، بىزنىڭ بۇ يەردە ھازىر ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى <كەپتەر كوچىسى> ئەمەس، بەلكى كەپتەرچىلىك كەسىپلەر باغچىسى.» كۆڭلى تۈز، ئوچۇق - يورۇق ئەسقەر دەرھال مۇخبىرلارنى باشلاپ پەيشەنبە بازار يېزىسىنىڭ قۇملۇقئېرىق كەنتىگە جايلاشقان توقسۇ كەپتەرچىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا باردى. بۇ يەردە 140 مو كېلىدىغان شىنجاڭ دۇخۇ كەپتەرچىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دۇخۇ كەپتەرچىلىكى» دېيىلىدۇ) 40 كەپتەر لاپىسى ياسىغان بولۇپ، ھەربىر لاپاسقا 5000 كەپتەر سىغىدۇ.

بۇلتۇر 10 - ئايدا، دۇخۇ كەپتەرچىلىكى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى. قىش پەسلىدە ھاۋا بەك سوغۇق بولغانلىقتىن قۇرۇلۇش قىلىشقا ئامال بولمىدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، نۇرغۇن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش تەسكە توختىدى. قانداق قىلغاندا بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگىلى، نامراتلارغا ياردەم بېرىپ بېيىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ شىركەت ئالدى بىلەن كەپتەر لاپىسى سېلىش، ئاندىن خىزمەت بىناسى سېلىشنى قارار قىلدى. رەتمۇرەت كەپتەر لاپىسى پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا، كەپتەر بېقىپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، كەسىپ شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان بەزى دېھقانلارنىڭ كەپتەر بېقىش قىزغىنلىقى قايتا قوزغالدى.

دۇخۇ كەپتەرچىلىكىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى جياڭ مىڭشېڭنىڭ 30 يىلغا يېقىن كەپتەر بېقىش تەجرىبىسى بار، ئىلگىرى خۇنەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا كەپتەر باققان. توقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ يەردىكى يېزىلاردا كەپتەر بېقىش كەيپىياتىنىڭ قويۇقلۇقىنى، كەپتەرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زورلۇقىنى، لېكىن باشلامچى كارخانىنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ دېھقانلارغا ئىلمىي كەپتەر بېقىشنى ئۆگىتىش ئىرادىسىگە كەلدى.

كەسپىي جەھەتتىكى تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە تەربىيەلەش، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان ئائىلىلىرى باققان كەپتەر 300 مىڭ بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرىكىدىن ئون ھەسسە كۆپەيدى، بۇنىڭغا كەپتەرچىلىك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى قوشۇلۇپ، «كەپتەر يۇرتى» بارغانسېرى ئىسمى - جىسمىغا لايىقلاشتى.

پەيشەنبە بازار يېزىسىدىن باشقا، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ باشقا يېزا - بازارلىرىدا كەپتەر باقىدىغان دېھقانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىقتىن قىلىدىغان كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ كالا بېقىش، كەپتەر بېقىش قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، «كالىنى كۆپەيتىش» قۇرۇلۇشى ۋە «كەپتەرنى كۆپەيتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. دېھقانلار ئۆز شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، كالا بېقىش ياكى كەپتەر بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىشنى تاللىسا، ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار كۆپ تەرەپتىن قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توقسۇ ناھىيەسى چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى سودىسى مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى، ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2100دىن ئارتۇق كالا، 1500دىن ئارتۇق قوي، كەپتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2200دىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرى سودىسى بولىدۇ، بۇ جاي تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى سودىسى يىغىش - تارقىتىش مەركىزىگە ئايلانماقتا.

كەپتەر بېقىشقا ئاز مەبلەغ كېتىدۇ، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدۇ، شۇڭا توقسۇ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن دېھقان كالا بېقىش بىلەن بىللە يەنە كەپتەر باقتى. بۇ يىل، پۈتۈن ناھىيەدىكى كەپتەرنىڭ يىللىق لاپاستىن چىقىرىلىش مىقدارىنىڭ 3 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

«شىركىتىمىز 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يەنە 30 كەپتەر لاپىسى سالىدۇ، كېيىن يەنە يۈرۈشلەشكەن سويۇش، چوڭقۇر پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، كەپتەر ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشتىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك تىجارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كەپتەرچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى جياڭ مىڭشېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى