تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پادىچىلار»نىڭ يېڭى تۇرمۇشى

قاراماي شەھىرى شوگەي كەنتى:

«پادىچىلار»نىڭ يېڭى تۇرمۇشى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن گاۋ يۈفېي

پاكىز ئاسفالت يول، چىرايلىق ئەمىن ئۆي، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇقراۋى قونالغۇ، كەنتنىڭ يېپيېڭى قىياپىتى 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ماقسۇتقان . جاۋ لاۋچىنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈردى: «مۇھىت شۇنچە گۈزەل، يانچۇقتا پۇل كەم ئەمەس، يېڭى يېزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرمەكچى بولساڭلار، شوگەي كەنتىگە كېلىڭلار».

قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى شوگەي يېزىسى شوگەي كەنتى قازاق چارۋىچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، خاس ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كەنتنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلىنىپ، ئىلگىرىكى «پادىچىلار» بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

كەنت قىياپىتى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇش

«قاراڭ، بۇ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېلىپ بەرگەن 100 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي، ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر شەھەردىكى بىنا ئۆيلەردىكىدىن قېلىشمايدۇ.» شوگەي كەنتىدە سەيلە قىلىۋاتقاندا، ماقسۇتقان قاتار - قاتار چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەرنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇردى.

ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، تېزەك ۋە ئەخلەت ئارىلاش توپا يولدا ماڭاتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدە كالا، قوي بېقىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقى بىرقەدەر ناچار ئىدى.

ئالدىنقى يىللاردا، كەنتتە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، ماقسۇتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە كونا ئۆيلەردىن كۆچۈپ چىقىپ، پاكىز، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كىرىپ ئولتۇردى. ئۆيلەردە زامانىۋى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، يەنە ئادەم بىلەن چارۋىنى ئايرىۋېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، كەنتنىڭ يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، ئىچىدىغان سۇ بىۋاسىتە ئىچىشكە بولىدىغان تۇرۇبا سۈيىگە ئۆزگەردى، يەنە ئەخلەت ساندۇقى قويۇلدى، ھەر ھەپتىدە ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇيدىغان مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىللىرى بار بولدى.

2018 - يىلىدىن بۇيان، كەنت مەركىزىدىكى 30 مو قاقاسلىققا تاش ئالما كۆچىتى، ئالما كۆچىتى تىكىلىپ، تاش ئالما كوچىسى، ئالما كوچىسىدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرە كوچىسى شەكىللەندى، كەنتنىڭ غەربىي ۋە شىمالىغا ئايرىم - ئايرىم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى تىكىلدى. كەنتنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا چىراغ نۇرى ئارقىلىق يورۇتۇش، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقا - ئارقىدىن تاماملىنىپ، كەنت رەڭگارەڭ «كېچە بولماس شەھەر»گە ئايلاندى.

كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، 2019 - يىلى، شوگەي كەنتى «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا - كەنتى» تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

«كەنتىمىز باغچىغا ئوخشايدۇ! بالامنىڭ شەھەر رايونىدا ئۆيى بار، لېكىن مېنىڭ <داچا>دا تۇرۇپ، ياشانغاندا راھەت كۈتۈنگۈم بار» دېدى ماقسۇتقان.

كۆپ مەنبەدىن كىرىمنى كۆپەيتىپ كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش

«مەن بۇ يىل ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا 7000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ساۋ لىفۇ خۇشال ھالدا.

ساۋ لىفۇ ئائىلىسى ئىككى مودىن كۆپرەك ھويلىسىنىڭ 1.3 موسىغا ئالما كۆچىتى، ئالۇچا كۆچىتى تىككەن ۋە لازا، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىغانىدى.

«كۆكتات مايسىلىرىنى كەنت ۋە يېزا ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، سۇمۇ ھەقسىز. كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر پىشقاندا كەنت ياردەملىشىپ شەھەر رايونىغا ئاپىرىپ سېتىشىپ بېرىدۇ» دېدى ساۋ لىفۇ.

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن شوگەي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ رۈي مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا كەنت دېھقان - چارۋىچىلارنى ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقى بىلەن باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى ۋە ياردەم بەردى ھەم بىرتۇتاش سېتىش بىلەن ساياھەتچىلەر ھويلا - ئاراندا ئۆزلىرى ئۈزۈپ ھېس قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

ساۋ لىفۇ يەنە پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، بۇلتۇر 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى.

2018 - يىلىدىن بۇيان، شوگەي كەنتى ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس پۇقراۋى قونالغۇدىن 20 نەچچىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەۋەندازلىق بازىسى، خۇش پۇراق ئۆسۈملۈك باغچىسى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئۆيى قاتارلىق «ۋاڭخۇڭ» داكا مەنزىرە نۇقتىسى قۇرۇپ، سەيلە قىلىش - ئۆگىنىش، چەۋەندازلىق بويىچە مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئېچىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

«يەر ھۆددە ھەققى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، پۇقراۋى قونالغۇ كىرىمىگە تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە يىل ئاخىرىدا كەنت كوللېكتىپىنىڭ پايدا تەقسىماتىنى قوشقاندا، ئەر - خوتۇن ئىككىمىز بىر يىلدا ئاز دېگەندە 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز، كۈنلىرىمىز ناھايىتى ياخشى!» دېدى ساۋ لىفۇ.

بۇنداق كىرىم سەۋىيەسى شوگەي كەنتىدە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ۋاڭ رۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شوگەي كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 28 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ئارقىلىق قەلب ئېتىزىنى ئوزۇقلاندۇرۇش

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 20لەردە، كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان كەنت ئاھالىسى ئىسقاق جەتبىس ئېتىنى يېتىلەپ كەنتنىڭ بەيگە مەيدانىغا كەلدى. ھەر كۈنى ئات مىنىپ بەيگە مەيدانىدىكى قۇملۇقتا نەچچە ئايلىنىش ئۇنىڭغا ناھايىتى ياقىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئات بەيگىسى قىلماقچى بولساق، دالىغا بېرىپ بوش يەر تېپىپ مەيدان راسلايتتۇق. ھازىر، يۇمشاق قۇم ياتقۇزۇلغان بۇ بەيگە يولىغا قاراڭ، ئات چاپتۇرۇش ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ».

بۇلتۇر 10 - ئاينىڭ بېشىدا، شوگەي كەنتىدە ھالقىسىمان يېپىق مۇسابىقە يولى بار كەسپىي بەيگە مەيدانى قۇرۇلدى، بوش ۋاقىتلىرىدا بەيگە مەيدانىغا بېرىپ مەشىق قىلىش ئىسقاق تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

ۋاڭ رۈي مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. شوگەي كەنتىدە ئارقا - ئارقىدىن بەيگە مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، چېنىقىش ئۆيى ھەمدە ئىستىراھەت مەيدانى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، دومبىرا مەدەنىيەت مەيدانى كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تولۇق رەڭلىك LED ئېكران، كەسپىي سەھنە چىراغلىرى ھەم ياڭراتقۇ قاتارلىقلار ئورنىتىلىپ، خېلى سۈپەتلىك «يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى» بەرپا قىلىندى.

مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلدى. كەنتتە كەنت ئاھالىسى مەدەنىيەت ئەترىتىدىن بەشى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر جانلىق ئېلىپ بېرىلدى. چاغان، دۇەنۋۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا ھەرخىل ئۆزگىچە پائالىيەتلەر تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان بولدى.

«ئىلگىرى مەن ھاراق ئىچىش، قارتا ئويناشقا ئامراق ئىدىم، ھازىر ئات مىنىش، ئويۇن كۆرۈشكە ئامراق؛ خوتۇنۇم ئىلگىرى سىرتقا چىقىشنى خالىمايتتى، ھازىر كەنتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچىسى بولۇپ قالدى؛ قىزىم كۇەيبەننى ياخشى ئورۇنلايدۇ، ئۇنىڭ نومۇرى كەنتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىنىڭ نادىر نومۇرى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھازىر ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى ئېسداك پەخىرلەنگەن ھالدا.

«مول، رەڭدار، پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى ۋە ئۆستۈردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى ۋاڭ رۈي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى