تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قابا ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىشقا يېتەكلىدى

  كەچ كۈزدە، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، قابا ناھىيەسى جايىلما يېزىسى سىغىش جايىلما كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شىنجيې ھەركۈنى ئۆزىنىڭ 40 مولۇق كەتىرا ئېتىزىدا ئالدىراش بولدى: قىش كىرىشتىن بۇرۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئوغۇتلاش، توپا يۆلەش، توڭلاشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كەتىرانى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «بۇ مەن ئىچكىرى رايونلاردىن كىرگۈزگەن دورا ماتېرىياللىرى تۈرى، نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆسۈشى خېلى ياخشى بولدى». 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋاڭ شىنجيې ھېسابات قىلىپ مۇنداق دېدى: كەتىرا تېرىشنى مىسالغا ئالساق، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 400-600 كىلوگىرامغا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن ئىككى توننىغا يېتىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەن بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.

  بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، ۋاڭ شىنجيې ئەنخۇينىڭ خاۋجوۋدىن چوغلۇق كىرگۈزۈپ، كىچىك كۆلەمدە سىناق قىلىپ تېرىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى، بۇ يىل ھوسۇل ئېلىنغان تۇنجى يىل. چوغلۇقنىڭ رەڭگى ئوچۇق، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ساياھەت، تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمال قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتىگىمۇ ئىگە. ياز كۈنلىرى ھەر كۈنى 600~700گىچە ساياھەتچى تاماشا قىلغىلى كېلىدۇ، ۋاڭ شىنجيې جۇڭيى تېبابىتى ئۆسۈملۈكلىرى دورىلىرى تېرىقچىلىقى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ۋاڭ شىنجيېنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى ئۆسۈملۈكلىرى دورىلىرىنى تېرىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئاشتى. 2018-يىلى، كەنتتە يەنە جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنى كەنتتە دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. كەنت كۆلەملەشتۈرۈش، دائىرە بويىچە تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى سېتىش + يېزا-كەنت خاس ساياھىتى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى.

  بۇ يىل 10-ئايدا، ۋاڭ شىنجيې خېنەن لوياڭ ۋە شەندۇڭ جاۋيۈەندىكى مودەنگۈل، چوغلۇق ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئالدىن 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق گۈل مايسىسى زاكاز قىلدى. ئۇ كېلەر يىلى يەنە بىر پارچە يەرنى كېڭەيتىپ، مەخسۇس ساياھەت، تاماشا قىلىدىغان چوغلۇق ۋە مودەنگۈل ئۆستۈرۈپ، ئەتراپقا بىر قىسىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بىر قانچە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، تەدرىجىي ھالدا جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ساغلاملىق ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

  «ھازىرقىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى كۆپ بولغانىكەن، بىزمۇ كاللىمىزنى ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىمىز كېرەك» دېدى ۋاڭ شىنجيې. ئۇ يەنە ناھىيەلىك، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە 200 مو بەنلەنگېن، 60 مو قالقانگۈل، 90 مو پەربۇن تېرىپ ناھايىتى ياخشى كىرىم قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى مول دورىلىق ئۆسۈملۈك بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ قېتىم تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى باشقا جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىغا ھەرمو يەرگە 300 يۈەن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىدە ئالدىن سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىغا يېتەكلەپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىيالى خاس يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، ناھىيە بويىچە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، تېرىقچىلىق، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بۇ يىل جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 250 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

  ■ سىياسەت باغلىنىشى

  يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆلەملەشكەن ۋە قېلىپلاشقان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە دورا بايلىقى تۈرى بويىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا «زاكازلىق دورا باغچىسى» قۇرۇشقا جەلپ قىلىش، شارائىتى بار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەردە دورا ماتېرىياللىرىنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى ۋە زامانىۋى جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى پىلانلاپ قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسىپ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.                             «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى