تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ خوتەن: چىلاندىن ھوسۇل ئالىدىغان پەيت يەنە يېتىپ كەلدى

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ چىلان (خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چىلانچى دېھقانلار چىلانلارنى ئايرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاي كىرىشى بىلەن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 890 مىڭ مو يەردىكى چىلان كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈش باسقۇچىغا كىردى، چىلانچى دېھقانلار چىلان ئۈزۈش، چىلان يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممە جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. خوتەن ۋىلايىتىدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى سۈپەتلىك چىلان ئۆستۈرۈش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى چىلاننى ئاساس قىلغان خاس باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىلان بازىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى ھەم «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان» ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، يەرلىكتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ چىلان (خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چىلانچى دېھقانلار چىلانلارنى ئايرىماقتا.

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشور يېزىسىدا، چىلانچى دېھقانلار چىلان قاقماقتا (11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشور يېزىسىدا، چىلانچى دېھقانلار ھوسۇل ئالغان چىلانلىرىنى كۆرسەتمەكتە (11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشور يېزىسىدا، چىلانچى دېھقانلار ھوسۇل ئالغان چىلانلارنى سېۋەتلەرگە قاچىلىماقتا (11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چىلان (خوتەن) توپ تارقىتىش سودا بازىرىدا، ئىشچىلار چىلان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش رايونىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى