تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، دۇنيا ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلگەندە گۈللەنگەن، بېكىنمىچىلىكتە خارابلاشقان. 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلەنگەن، ھەمكارلىققا يۈزلەنگەن چوڭ ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەش» «ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەش» «ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆپەيتىۋەتتى. لېكىن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ئوبيېكتىپ رېئاللىق ۋە تارىخىي ئېقىم، دۇنيا ئۆزئارا بېكىنمە، يەككە - يېگانە ھالەتكە قايتالمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېتىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشى مىسلىسىز بولماقتا، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى تۈرلۈك خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغان تارىخ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كىرىزىس ئەمەس، جەزمەن تېخىمۇ كۆپ يەر شارىۋى خىرىسنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتنى ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق، ئالاقىلىشىشنى ئورتاق كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئېغىر، زور كىرىزىس ئالدىدا ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش.» دۇنيا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۇنياسى، دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. ھەرقانداق دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىدىن نەپ ئالسا بولمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن مۇقىملىققا ئېرىشسە بولمايدۇ. بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كىچىك گۇرۇھ ۋە نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش تەپەككۇرىدىن سەكرەپ چىقىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، گۇمانلانماي بەلكى ئىشىنىپ، مۇشت ئېتىشماي بەلكى قول تۇتۇشۇپ، تىللاشماي بەلكى كېڭىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلىماسلىقى، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. كەسكىن يەر شارىۋى خىرىس ئالدىدا، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى تاللاش ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا ئىگە بولۇپ، ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشى، قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماسلىقى، ئورتاق تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا ئىگىلىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پائال نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق ئېچىۋېتىش، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قوش بىسلىق شەمشەر، ئۇ ھەم يەر شارىۋى تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. خىرىس ئالدىدا، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويماي، بەلكى ئىجابىي قىياپەت بىلەن يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، پايدىلىق تەرەپكە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش، زىيانلىق تەرەپتىن تېخىمۇ ياخشى ساقلىنىش كېرەك. يەر شارىۋى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى مەسلىھەتلىشىپ قىلىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتتە باراۋەر بولۇش، پۇرسەتتە باراۋەر بولۇش، قائىدىدە باراۋەر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى دۇنيانىڭ ئۆزگەرگەن سىياسىيسى، ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تارىخىي يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئۇل تاش قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھازىر، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم تېخى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەنمىدى، يۇقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر مەيدان چوڭ سىناق. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى يەنىلا تېزلەشتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، مەزمۇت قەدەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ مۈشكۈل مەزگىلدىن ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى