تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالايلى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، باشلىنىش قەدىمى كېيىنكى ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدۇ. «14 - بەش يىل»دىكى كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە، ياخشى باشلىنىش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلدى، قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، نىشان - ۋەزىپىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە كەسپىيلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان كادىرلارنى ئۆز كارامىتىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئوبدان ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوبدان قوغداش، ئوبدان تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىققا ئىنتىلىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ، بىر جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر ياردىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بىرلىك سەپتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى