تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئۇرۇش ھالىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى تېزدىن توسۇش كېرەك

سۈن چۇنلەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئۇرۇش ھالىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى تېزدىن توسۇش كېرەك

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، سۈن چۇنلەن كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى 3 - كەنتىگە بېرىپ يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھال سورىشىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولغان، قەتئىي، كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تېزدىن توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

سۈن چۇنلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، زەمىن يېزىسى ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە بېرىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئايرىش نۇقتىلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى، مىنخۇي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يىپەك يولى جيايۈەن نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنى تەكشۈرۈپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەركەزلىك ئايرىش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا زاپىسى، يېزىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، سىن ئارقىلىق بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاغرىقلار بىلەن سۆزلىشىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى ھەم شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، بىرىنچى سەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ قەشقەردە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم بىرقەدەر بالدۇر بايقالدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ۋاقتىدا قوزغىتىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىلدى، نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، ياشلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئاساسلىقى يېزىدىكى كەنت قۇرغان كارخانىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، مەشغۇلات بوشلۇقى بىرقەدەر يېپىق، ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن تەرتىپىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ھازىر كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل.

سۈن چۇنلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي خادىملار ۋە ئاساسىي قاتلام مەھەللە كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى تىرىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدىلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلاردىن ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىپ، ئايرىش نۇقتىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «قايتا يۇقۇملىنىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈش تەرتىپى ۋە مەشغۇلات ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى كونترول قىلىش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ۋە باھالاپ، دەسلەپكى مەزگىلدە بايقالغان، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىق قاراتمىلىقى بولغان ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى داۋالاش بايلىقى جەھەتتە بىرقەدەر ئاجىز، شۇ جاينىڭ كېسەللىك تىزىملىكىگە ئاساسەن، ئۇنى رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يېزىلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى ئاشكارىلىدى، يۇقۇمنىڭ يېزىلاردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى يۈ شۆجۈن، لېي خەيچاۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.