تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالتاي شەھىرى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسى قار تېيىلىش مەيدانى، ئات فېرمىلىرىغا «كۆچۈپ كىردى»

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ خەۋىرى): ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسى ئادەتتە مەكتەپ مەيدانىدا، ئەڭ كۆپ بولغاندا تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتۈلىدۇ، ئەمما، ئالتاي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسى قار تېيىلىش مەيدانىدا، ئات فېرمىلىرىدا ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى بۇ شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىش پەسلىدىكى تۇنجى قار تېيىلىش دەرسىنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى، ئالتاي جىنشۆ نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ دالا مەيدانىمۇ بۇ شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى چەۋەندازلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش دەرسىنى كۈتۈۋالدى.

  «ئىلگىرى قار تېيىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم، كېيىن، قار تېيىلىش دەرسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا تېيىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، قار تېيىلىدىغان بولدۇم. ھازىر، مەن پۈتۈن قار يولىدا تېيىلالايمەن» دېدى ئالتاي شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياۋ جىڭيۈن خۇشال ھالدا.

  بۇ شياۋ جىڭيۈن ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم قار تېيىلىش دەرسىگە قاتنىشىشى ئەمەس. 2018-يىلىدىن باشلاپ، ئالتاي شەھىرى قار تېيىلىش ھەرىكىتىنى خاس تەنتەربىيە دەرسلىكى قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. قار تېيىلىش دەرسىدە، ئوقۇغۇچىلار ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيدۇ، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئوقۇعۇچىلارنى قار تېيىلىش مەيدانىغا ئاپىرىپ-ئەكېلىدۇ، ئوقۇتۇشقا كەسپىي تىرېنېرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىلماي ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. نۆۋەتتە، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چاڭغا تېيىلىش دەرسىگە قاتناشقان.

  ئالتاي ۋىلايىتى ئەۋزەل بولغان قار-مۇز بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبە جايى»، «جۇڭگودىكى قار شەھىرى» قاتارلىق گۈزەل ناملارغا ئىگە، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى روشەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش» ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، 1-كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2-كەسىپكە تىرەك بولۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، قار-مۇز ساياھىتى ۋە قار-مۇز كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى دەرسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلق قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى، شۇنداقلا قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتتى. «بىز بۇ خاس تەنتەربىيە دەرسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قار تېيىلىش مەيدانىغا كىرىش، ئالتاي شەھىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ گوفېڭ. ھازىر، بۇ شەھەردىكى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردىكى 14 ئوقۇغۇچى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ مەشىقلەندۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بىللە قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىۋاتقان بالىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

  تەنتەربىيە دەرسىنى ئات فېرمىسىغا «كۆچۈرۈش» ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى تۇنجى قەدىمى.

  ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، ئۇزاق بولغان ئات بېقىش تارىخىغا، قويۇق ئات مەدەنىيەت ئاساسىغا ۋە كەڭ ھەم چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، ئاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسى ياخشى. بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتى «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى(2020-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى، ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتچىلىق كەسپى ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ساياھەت ئادەم قېتىم سانىنى 3 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئاتچىلىق كەسپى تۈرتكە بولغان ساياھەتچىلىك مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. چەۋەندازلىق شۇ جايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، رايون ئالاھىدىلىكى مائارىپ پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈلىدۇ، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

  2019-يىلى 9-ئايدا، ئالتاي شەھىرى «ئات ئۈستىدىكى 10 مىڭ ئۆسمۈر» خاس تەنتەربىيە دەرسىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە چەۋەندازلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خاس تەنتەربىيە دەرسى قىلىنغان تۇنجى شەھەرگە ئايلاندى، ھازىرغىچە چەۋەندازلىق دەرسىگە قاتناشقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىي 3000دىن ئاشتى. چەۋەندازلىق دەرسىدە 4-يىللىقتىن 8-يىللىققىچە بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەر سائەتلىك دەرستىكى ئوقۇتقۇچى سانى تۆتتىن كەم بولمايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئات مىنىش دەرسى مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى