تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شىنجاڭ كۇچا: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا بىر جۈپ قولىغا تايىنىش بىر قاچا راڭپىزا بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش

خۇمارخان ياساپ بولغان راڭپىزىنى قاچىلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ۋۇ لې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار رۇستەم، ۋۇ لې خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى بىر راڭپىزىخانىدا، كەنت ئاھالىسى خۇمارخان روزى دۇكان خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە راڭپىزىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ قاچىلاۋاتاتتى، بۇ راڭپىزىلار ھەرقايسى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىغا چىقىدۇ.

خۇمارخان روزى كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، 2014-يىلى توي قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆيىدە ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېرىنىڭ ئازغىنە دېھقانچىلىق كىرىمىگە تايىنىپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى. ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيىدە راڭپىزا ياساشنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى بازارغا ئاپىرىپ ساتتى.

خۇمارخان دۇكان خىزمەتچىسى بىلەن بىللە راڭپىزا ياسىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ۋۇ لې فوتوسى)

بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، قايتا-قايتا ياخشىلاش ئارقىلىق، خۇمارخان ياسىغان راڭپىزىنىڭ تەمى بارغانسېرى مەززىلىك بولۇپ، سودىسى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن خۇمارخاندا تىجارەتنى كېڭەيتىش ئويى پەيدا بولدى.

2016-يىلى، كۇچا شەھەرلىك يېزا ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خۇمارخاننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى قوشۇشى بىلەن، خۇمارخان راڭپىزا ھەمكارلىق كوپىراتىپى رەسمىي قۇرۇلدى.

خۇمارخان ئوراپ قاچىلانغان راڭپىزىنى كۆرسەتمەكتە، بۇ راڭپىزىلار ھەرقايسى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىغا چىقىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ۋۇ لې فوتوسى)

«دەسلەپتە تىجارەتتە تەجرىبەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن پۇل خەجلىۋەتكەچكە، سودىدىن ئەنسىرەيتتىم» دېدى خۇمارخان. ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، تەجرىبە كەمچىل بولغاچقا خۇمارخاننىڭ كۆڭلىدە سان يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەنتكە كېلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈچۈن خادىم تەربىيەلەشكە قەرەللىك تەكلىپ قىلدى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خۇمارخانمۇ تىجارەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدى.

«ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كۈنى 5000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن مەندە تەدرىجىي ئىشەنچ ۋە جاسارەت بار بولدى، ئىشىنىمەنكى بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمەن» دېدى خۇمارخان.

بۈگۈنكى كۈندە، راڭپىزا خۇمارخاننىڭ بېيىش كەسپىگە ئايلاندى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدى. خۇمارخاننىڭ كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياسىغان راڭپىزىنىڭ يىراق-يېقىنغا داڭقى چىقىپ، شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە باشقا يېزا (بازار)لاردىكى پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ۋە توپ تارقىتىش سودىگەرلىرىنى كېلىپ زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى