تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىۋېتىلگەنلەر، كۆپچىلىكنىڭ ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 9-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24تىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئالتە بولۇپ، ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغانلار؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز بولۇپ، ھەممىسى كونا شەھەر ناھىيەسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىۋاتقانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە ئېنىقلانغان، بىردەك كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى بىلەن باغلىنىشلىق. بۈگۈن توققۇز نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 78، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 318.

  «يېقىندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بىز تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي تىزگىنلەيمىز، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىمۇ كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسكا تاقاپ، قولىنى پات-پات يۇيۇپ، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، يىغىلىۋالماي، ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى ۋاڭ شىجياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى