تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

زۇكامدىغاندا نېمە ئۈچۈن ئىشتىھاسىزلىنىسىز

   كۈز، قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، زۇكام بولىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بۇرۇن پۈتۈش، ماڭقىسى ئېقىش، چۈشكۈرۈش، گېلى ئاغرىش ياكى يۆتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن باشقا، نۇرغۇن ئاغرىقلارنىڭ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ، ئەڭ ياقتۇرىدىغان مەززىلىك تائاملار ئالدىدا تۇرسىمۇ، ھېچبىر كۆڭلى تارتماي قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  بىرىنچى، ئادەم زۇكام بولغاندا بولۇپمۇ قىزىغان چاغدا، بەدەندىكى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ھەزىم قىلىش ئېنزېمىنىڭ فۇنكىسىيەسى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلاپ، ھەتتا قالايمىقانلىشىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلاشقاندا، ئاچلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلالماي، تەبىئىيلا بىرەر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ.

  ئىككىنچى، زۇكامدىغاندا بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ ئىششىش، بۇرۇندىن ئاجرالما ماددا كۆپ چىقىش قاتارلىق ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ، بۇرۇن توسۇلۇش، ماڭقا ئېقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، شىللىق پەردە ئۈستىدىكى پۇراش سېزىمىنى قوبۇل قىلىش ئەزالىرىنىڭ پۇراققا بولغان سېزىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ شۇنداقلا مەلۇم كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش پۇراش نېرۋىلىرىنى تېخىمۇ زەخمىلەندۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ خۇش پۇراققا بولغان سىگنالىنى قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئادەم بەدىنىنىڭ پۇراش سېزىمى بىلەن تەم سېزىمى ھەمكارلاشما خىزمەت قىلىدۇ، زۇكام پەيدا قىلغان پۇراش سېزىمىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى تەبىئىيلا تەم سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ تەم سەزگۈسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىشتىھاسىزلىنىدۇ.

  گەرچە ئاغرىقلار ئىشتىھاسىزلانسىمۇ، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ، ئورگانىزملارنى كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئاغرىق دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ، ئېغىز بوشلۇقى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك؛ مايسىز شوۋىگۈرۈچ ۋە شورپىلارنى ئىچىش، مەسىلەن، ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا، مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ تاماقلىنىش كېرەك؛ توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى، ئاقسىل تۈرىدىكىلەر، سۈت بىلەن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلىسا بولىدۇ؛ يېڭى كۆكتات-مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، ئەمما چىڭسەي، جۇسەي، توڭخاۋ، كۆممىقوناق قاتارلىق يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇلار ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ تاتلىق يېمەكلىكلەر بەدەندە ياللۇغ پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە قورساقنى كۆپۈرۈپ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، شۇڭا ئاز يېيىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى