تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] رەسىم بىلەن باغلانغان رىشتە «ئاتا-قىز» مېھرى تىللاردا داستان بولدى

پاتىگۈل جاپپار ئەمدىلا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغان لى مىڭنىڭ چېچىنى تاراپ قويماقتا. (چېن يەنفاڭ فوتوسى)

يېقىندا، ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنشەن مەھەللىسىدە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان پاتىگۈل جاپپار قېتىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ، 94 ياشلىق لى مىڭنى يوقلاپ كەلدى. سەنشەن مەھەللىسىنىڭ شىڭفۇتۈن ئولتۇراق رايونىدا، لى مىڭ ۋە 36 ياشلىق پاتىگۈلدىن ئىبارەت بۇ «ئاتا-قىز»نىڭ ھېكايىسى داستان بولۇپ تارقالغانىدى.

ئىككەيلەننىڭ ھېكايىسىنى تۆت يىل ئىلگىرىكىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەينى چاغدا، پاتىگۈل جاپپار ئەمدىلا سەنشەن مەھەللىسىگە كېلىپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغانىدى. لى مىڭ تەۋەلىكتىكى يېشى ئەڭ چوڭ ياشانغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى شۇجىنىڭ ھەر كۈنى تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پاتىگۈلنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئىنتايىن ئېتىراپ قىلدى.

بىر قېتىملىق ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، پاتىگۈل جاپپار ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان لى مىڭنىڭ ھۆسنخەت، رەسىم سىزىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلدى، پاتىگۈل جاپپار شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ماي بوياق رەسىم سىزىشقا ماھىر ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بوش ۋاقىتلىرىدا، پاتىگۈل لى مىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھۆسنخەت يېزىپ، رەسىم سىزدى، ئۇ يەنە لى مىڭغا ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىمىنى سوۋغا قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى.

پاتىگۈل جاپپار تەۋەلىكىدىكى ھۆسىنخەت، رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، لى مىڭ ئۈچۈن بىر قېتىملىق ھۆسىنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈرمەكچى بولدى. 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، لى مىڭنىڭ 108 پارچە ھۆسنخەت، رەسىم ئەسىرى مەھەللىدە كۆرگەزمە قىلىندى، بىرىنچى كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە 500گە يېقىن ئېكسكۇرسىيەچى قاتناشتى.

ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەھەللىدە ھۆسنخەت، رەسىم ئىقتىدار ئۆيى كۆپەيدى، 20 نەچچە ياشانغان كىشى بىللە خەت يېزىپ، رەسىم سىزدى. ھەر يىلى چاغاندا، بۇ ياشانغانلار چۇنليەن يېزىپ ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلدى.

لى مىڭ ۋە پاتىگۈل جاپپارنىڭ تەسىرىدە، 30 نەچچە ياشلىق تۇرغۇنجان ئەخەت ۋە ياشانغان بوۋاي نيې دەيگاڭمۇ دېيىشمەيدىغان گېپى يوق «ئاتا- بالا»غا ئايلاندى. ھازىر تۇرغۇنجان پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولۇپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىسى دەل نيې دەيگاڭ ئىدى.

2019-يىلى 1-ئايدا، پاتىگۈل جاپپار خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبىدىن سەنشەن مەھەللىسىدىن ئايرىلدى، مېڭىش ئالدىدا، ئۇ لى مىڭ بىلەن خوشلىشىپ مۇنداق دېدى: «خىزمەت يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە بولغان تاپشۇرۇقىڭىز، كۆرسەتمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلۈمدە ساقلايمەن».

ھەر يىلى چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى، لى مىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋاقتى بولۇپ، ئىككى قىزى بىلەن پاتىگۈل جاپپار ھەممىسى كېلىدۇ. بوۋاي ئېلېكتىرونلۇق رويال چېلىپ، قىزلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىدۇ. (مۇخبىر چېن يەنفاڭ خەۋىرى)

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى