تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ قۇتۇبىدىكى كىچىك دوستلار: ئاشلىقنى چۈشىنىشتىن ئاشلىقنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشكىچە

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازارلىق يەسلىدە قانات يايدۇرۇلغان «ئاشلىقنى تېجەشنى بالىلاردىن باشلايلى» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى كىچىك دوستلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

  يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى كۈزنىڭ پەسىل ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، خاسىڭ، كاۋا، كۆممىقوناق، بۇغداي باشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاشلىقلارنىڭ مېۋىسىنى يىغىپ، كىچىك دوستلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى كۆزىتىش، تۇتۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاشلىقنى تونۇشقا، ئاشلىقنى قەدىرلەشكە يېتەكلىدى.

  قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازارلىق يەسلىنىڭ كەسپىي مۇئاۋىن باشلىقى لو بىن مۇنداق دېدى: «بالىلار يەنە ئۆزلىرى بۇغداي، سامساق مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، تېرىش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش جەريانىنى ئىگىلىدى، ئاشلىقنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئاشلىقنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى.»

  قۇتۇبى ناھىيەسى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى يەسلىسىدە كىچىك دوستلار ئاشلىقلارنى تونىماقتا.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى يەسلىسىدە كىچىك دوستلار پائالىيەتتە ھەمتۈرتكە بولماقتا.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىچىك دوستلارغا ئاشلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىچىك دوستلارغا كۆممىقوناقنى تونۇشتۇرماقتا.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىغا تاماقتىن كېيىنكى قۇرۇن قاچىسىنى كۆرسەتمەكتە.

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى