تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆز ھارغىنلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار

1. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق

ئۇيقىڭىز يېتەرلىك بولمىغاندا، كۆزىڭىزنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. چۈنكى ئۇخلىغاندا، كۆز ئۇزۇن ۋاقىت دەم ئالالايدۇ ھەمدە ئۆزىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. كۆز ئاغرىقى داۋاملاشقاندا ئىششىش، يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا ئاغرىق تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

تەكلىپ: ئەگەر كومپيۇتېردا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا توغرا كەلسە، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ياكى ئازراق دەم ئېلىش كېرەك؛ ئىلمان سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن كۆزگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش؛ ناۋادا كۆزنىڭ قۇرغاقلاشقانلىقى، چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، خىزمەتنى توختىتىپ ئازراق دەم ئېلىش ياكى كۆزنى ئازراق يۇمۇۋېلىش كېرەك.

2. يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش.

يوشۇرۇن كۆزئەينەككە نىسبەتەن، بولۇپمۇ كومپيۇتېر ياكى باشقا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى دائىم ئىشلىتىدىغانلار، يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى چوقۇم توغرا سېلىشى، پاكىز تۇتۇشى كېرەك.

تەكلىپ: كۆزنى ھاۋالاندۇرۇپ، رامكىلىق كۆزئەينەك تاقاش؛ گەرچە يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقىسا بولىدۇ، دەپ داڭلانسىمۇ، لېكىن تاقاپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ياخشى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش؛ ئەگەر يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا كۆز قىزىرىش، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، ياش ئېقىش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش ياكى ئاغرىش، ئىششىش ۋە ياكى ئاجرالما ماددا چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تاقىماي، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

3. ئۇزاق ۋاقىت تىكىلىپ قاراش. ئۇزاق ۋاقىت يانفونغا قارىغاندا، نەرسىلەر غۇۋا كۆرۈنۈش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىپ باش قېيىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ئادەتتە ئامبۇلاتورىيەدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى بارغانسېرى كۆپ ئوينىغانلىقىدىن، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆز ئاغرىش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق بىئاراملىق بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان ئەھۋالنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

تەكلىپ: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئوينىشىنى كونترول قىلىشى، 20 مىنۇتتا بىر كۆزنى دەم ئالدۇرۇش كېرەك.

4. كېچىدە تېلېۋىزور، كىتاب كۆرۈش.

قاراڭغۇدا ھەر قانداق ئېكرانغا قارىغاندا كۆزگە زىيانلىق، بۇ، يان تېلېفون، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكران يورۇقلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى، كۆزنى ئۈزلۈكسىز كۆنۈشكە تەڭشەيدۇ، ئۇزاق ۋاقىت قارىغاندا، كۆز چارچاپ، ئاغرىپ، قۇرغاقلىشىپ، قىزىرىپ ھەتتا فىزولوگىيەلىك ۋاقىتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

تەكلىپ: ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نېمە كۆرگەندە چىراغنى ياندۇرۇش كېرەك.

5. كۆز دورىسى سۇيۇقلۇقىنى زىيادە ئىشلىتىش.

90% كۆز دورىسى سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا بولىدۇ، بۇ ماددىلار كۆزگە زىيانلىق.

تەكلىپ: ھارغىنلىقنى پەسەيتىدىغان كۆز دورىسى سۇيۇقلۇقىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك. كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا قوشۇلمىغان سۈنئىي ياش سۇيۇقلۇقىنى تاللاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى