تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەردىكى ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇخبىرلارنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى. شەخسىي مۇداپىئەلىنىش، ماددىي ئەشيا سەپلەش، غەمخورلۇق قىلىش-كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر كۈنى 150 يۈەنلىك تۇرمۇش ئۆلچىمى بويىچە، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ قەرەللىك ھالدا كەسپىي توكچى، سۇ، پار ئىشچىسى قاتارلىق كۈچلەر تەشكىللىنىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى ۋە سۇ تۇرۇبىسى لىنىيەسى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ ھەر كۈنى مەخسۇس ئادەم بېكىتىلىپ، ئايرىش نۇقتىلىرىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى يىغىۋېلىنىپ ھەمدە قاتتىق ئۆلچەمدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەركەزلىك توشۇپ كېتىلدى.

  ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنى داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى. كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ۋاقتىدا دورا يەتكۈزۈپ بېرىلدى، جىددىي خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىلدى؛ مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىۋاتقان خادىملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر كۈنى پىكىرلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، قىيىنچىلىقى، ئارزۇ-تەلىپى ۋاقتىدا ھەل قىلىندى؛ كەسپىي خادىملار سەپلىنىپ پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، سەييارە ياكى تېلېفون، ۋېيشىن، QQ قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارغا ئۈنۈملۈك تەسەللى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى