تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى بىر يىلدا 150 ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى 4-ئەۋلاد Xi دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا «ماكانلاشقان» بىر يىلدىن بۇيان، 150 ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

  2018-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئۈزۈم شۆپۈكىنى تىكەلەيدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىسى قارا پەن-تېخنىكا — دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئۈچ دەرىجىلىك 21 دوختۇرخانا دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان سېتىۋېلىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ يارقىن نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دافىنچى ئوپېراتسىيە سىستېمىسى ھازىرقى تاشقى كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى ئىلغار يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى مىكرو جاراھەتلىك تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھازىرلاپلا قالماستىن، تېخىمۇ گەۋدىلىكى شۇكى، دافىنچى ئوپېراتسىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا ماشىنا بىلەكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى پەقەت كونترول سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوپېراتسىيە ئورنىدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق تەسۋىرىنى كۆرسىلا، يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ماشىنا ئادەم بىلىكى ئوپېراتسىيەنى قىلالايدىكەن. ماشىنا ئادەمنىڭ بىلىكى ئادەم كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مۇقىملىققا ۋە توغرىلىققا ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيەگە نىسبەتەن يارا ئېغىزىنى كىچىكلىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىپلا قالماي، يۇقۇملىنىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدىكەن.

  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا «ماكانلاشقان»دىن كېيىن، تۇنجى يېرىم جىگەر كېسىش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 73 ياشلىق جىگەر راكى بىمارىنىڭ ئۆسمە ئۆسۈپ قالغان سول يېرىم جىگىرى كېسىپ ئېلىۋېتىلدى. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى غەربىي شىمال رايونى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ «ماشىنا ئادەم ياردىمى بىلەن مىكرو جاراھەتلىك بوشلۇق ئەينىكى دەۋرى»گە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دافىنچى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى «ماكانلاشقان»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ماشىنا ئادەم ئارقىلىق 150 مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۈيدۈك ئاجرىتىش، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان-ئۈچەي، ئاياللار كېسەللىكلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە 150 ئوپېراتسىيە قىلىپ، شىنجاڭدىكى بىمارلارنى يىراققا بارمايلا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش تېخنىكىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى