تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ كۇچا شەھىرى: نان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

شىنجاڭ كۇچا شەھىرى «سۇپا + ساياھەت»نى تۇتقا قىلىپ، مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى ۋاسىتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى نىشان قىلىپ، نان كەسپى قۇرۇلۇشى ۋە مەھسۇلات يارىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «كۇچا چوڭ نان» ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نانچىلىق كەسپى ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەمدىلا قۇرۇلغان كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرىدىكى نانچىلىق شەھەرچىسىدە، ئىشچىلار چوڭ نان يېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يەرگە نان سېتىۋالغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى بازار بويىچە ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن نامرات، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بولۇپ، بىرتۇتاش ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

چىمەن بازارلىق لۈيۈەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ تۇردى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئىشلەپ بىر ئايدا 7000-6000 يۈەن پۇل تاپالايمەن، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شەپقىتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن».

نانچىلىق شەھەرچىسى قۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ تارقاق ناۋايلىق بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى بار بولۇپلا قالماي، يەنە نانچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى. لۈيۈەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزىگۈل گايىت بىلەن ئېرى ئىلگىرى كەنتتە ناۋايلىق قىلاتتى، يېرىم ئاي ئىلگىرى نانچىلىق شەھەرچىسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ھەر كۈنى 600دىن ئارتۇق نان سېتىپ، تىجارەت سوممىسى 2000 يۈەنگە يەتتى، بۇ ئۇنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇردى.

چىمەن بازىرى نانچىلىق شەھەرچىسى «بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى بويىچە كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش، كۆلەملەشتۈرۈپ سېتىش ئېلىپ بېرىپ، ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق نان توپ-پارچە سېتىش باھاسى بويىچە ھەر قايسى كەنتلەردە تاللاپ چىقىلغان ئىككى نامرات ئائىلىگە تارقىتپ بېرىلىپ،  ئۇلار ئارقىلىق كەنتتە سېتىلىدۇ.

كۇچا چوڭ نېنىنىڭ سېتىش يولى بىر خىل، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى يېتەرسىز، ساياھەت جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقىلارغا نىسبەتەن، كۇچا شەھىرى «ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، كارخانىلارنى ئاساس قىلىش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۇچادىكى نان ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۇچا چوڭ نان مەدەنىيەتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نان مەھسۇلاتلىرىنى ئايرودۇرۇم، مەنزىرە رايونى، پويىز، مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىپ، تور نۇقتىلىرىغا چىقىرىپ، كۇچادىكى چوڭ نان ماركىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نان كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان «چوڭ كەسىپ» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

(ۋاڭ جيەنچياڭ، نىياز راخمان)

مەنبە: خەلق گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى