تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 15 يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزى ئاساسەن ئىگىلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خۇاڭ جيەن مۇنۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كەتمەسلىكى، كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاقتۇ ناھىيەسى قارا كېچىك يېزىسى ۋە پىلال يېزىسىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 15 يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستى دەرھال تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاقتۇ ناھىيەسىگە ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىك ئالامىتى بايقالمىغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ پائالىيەت ئىزىنى ئېنىق ئىگىلەپ، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. نۆۋەتتە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 15 يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزى ئاساسەن ئىگىلىنىپ، رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرى ۋە ئادەتتىكى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارلىق خەۋپ-خەتەر توپىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  ئالاقىدار تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 15 يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى بويىچە ئىپادىلىنىشى يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى