تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرى پايچىكقا ئايلاندى، مەھسۇلات ئاشتى، كىرىممۇ ئاشتى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى دۆربىلجىن كەنتىدە:

كەنت ئاھالىلىرى پايچىكقا ئايلاندى، مەھسۇلات ئاشتى، كىرىممۇ ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جياخۇي

«پۇلنى ئېلىپ، بەك خۇشال بولدۇم!» كەنت ئاھالىسى ۋاڭ گوشەن پايدا تەقسىملەنگەن تۇنجى ئۈلۈش پۇلنى ئالغاندا، چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى. 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى دۆربىلجىن كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى بويىچە پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئاچتى، كەنتتىكى شىنخەي كوللېكتىپ ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تۇنجى تۈركۈمدە قاتناشقان 29 كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پاي پايدىسىغا ئېرىشتى.

كەنتنىڭ كوللېكتىپ مۈلكى جانلاندى

«يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كەنت كوللېكتىپ مۈلكى مىقدارلاشتۇرۇلۇپ پاي ھوقۇقى قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق قىلىشىغا تەقسىملەپ بېرىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ دۆربىلجىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ يۇڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپىنىڭ قانچىلىك مۈلكى بارلىقىغا نىسبەتەن ۋاڭ يۇڭنىڭ كۆڭلىدە ئېنىق ھېسابات بار بولدى: «كەنتنىڭ پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش، قانداق باشقۇرۇشنى ئامما نازارەت قىلسا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشسا بولىدۇ».

2019 - يىلى 6 - ئايدا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى دۆربىلجىن كەنتىنى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى سىناق نۇقتىسى قىلدى. كەنتنىڭ كوللېكتىپ مۈلكىنى قانداق جانلاندۇرۇش كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان «چوڭ قىيىن مەسىلە» بولۇپ قالدى. مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتى بىر يېڭى ئىش بولغاچقا، قانداق مەشغۇلات قىلىش، قانداق بىر تۇتاش پىلانلاش، پۇقرالارنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەممىسى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىدى» دېدى ۋاڭ يۇڭ.

بۇنىڭغا قارىتا، دۆربىلجىن كەنتى خىزمەت تەرتىپى تۈزۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئون ھالقىغا ئايرىدى ھەم يۈرۈشۈش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مەشغۇلات تەرتىپىنى بىۋاسىتە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىللە ئىشلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن ھازىر كەنتنىڭ پايچىكى بولۇپ قالدىم، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى چېن فېڭشېڭ.

«ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، بىرقىسىم تەجرىبىلەر توپلىنىپ، بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىلىپ، باشقا كەنتلەر مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتىدا ئەگرى يولنى ئاز مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. پۈتۈن ناھىيەدىكى 63 مەمۇرىي كەنت بۇ يىل بۇ تۈردىكى خىزمەتنى تاماملايدۇ، ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل، لېكىن بىز چوقۇم ياخشى ئورۇندىيالايمىز» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شېڭلى.

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىندى، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى

«خۇ شۇجى، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاي قوشقان كەنت ئاھالىلىرى راستلا پۇل ئالالامدۇ؟» بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆربىلجىن كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئەسلىدە كەنتتىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى، كەنت ئاھالىسى جاۋ جىچېڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇ يۆۋېننىڭ پېشىنى تارتىپ بۇ سوئالنى سورىدى. «ئەلۋەتتە ئالالايدۇ، كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى، پۇلنى ئەلۋەتتە كۆپچىلىك بىرلىكتە تاپىمىز» دەپ جاۋاب بەردى خۇ يۆۋېن قەتئىيلىك بىلەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆربىلجىن كەنتى كۆپ قېتىم كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، كەنتتىكى ئەسلىدىكى شىنخەي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى شىنخەي كوللېكتىپ ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

«نۆۋەتتە 29 كەنت ئاھالىسى كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فاليەن مۇنداق دېدى: يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن پايدىلىنىپ، يەر ھۆددىگە بېرىش، كالا - قويلارنى ھۆددىگە بېرىش، دۇكان ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق كەنت كوللېكتىپ كەسپىدىن بەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كوللېكتىپ مۈلۈك كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق.

نۆۋەتتە، دۆربىلجىن كەنتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدىن بۇيان، كوللېكتىپنىڭ 2875 مو يېرىنى ھۆددىگە بېرىشتىن قىلىنغان كىرىملا 830 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئېشىنچا پايدىسى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشىغا 2000 يۈەن ئەتراپىدا پايدا تەقسىملەندى. «كۆپچىلىك ھازىر بىر نىيەتتە بولۇپ، كەنت <ئىككى كومىتېت>ىغا ئەگىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ» دېدى جاۋ جىچېڭ.

«يەر»گە دائىر ئىشلار مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەندى

دۆربىلجىن كەنتىدە 8000 مو تېرىلغۇ يەر بار، دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «يەر»گە دائىر ئىشلارنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلىدى.

«شۈ ئاكا، بۇ يىلقى ھوسۇل قانداقراق؟ خىزمەت ئەترىتىمىز ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بولسا دەۋېرىڭ.» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى گاۋ دۇڭخۇي كوچىمۇ كوچا مېڭىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «بۇ يىل 80 مو يەرگە گازىر تاۋۇزى تېرىدىم، ھەر مو يەردىكى تاۋۇزدىن 110 كىلوگىرام ئەتراپىدا تاۋۇز گازىرى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ھېسابلاپ باقسام 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەنمەن، پايدا تەقسىملەنگەن پۇلنى قوشقاندا، بۇ يىلقى كىرىمىم يامان ئەمەس بولغۇدەك» دېدى كەنت ئاھالىسى شۈ جىنيەن خۇشال ھالدا.

كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش بىلەن بىللە، دۆربىلجىن كەنتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بازار ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، شال، بەنلەنگېن، ليۇلەنشياڭ قاتارلىق يېڭى ئىقتىسادىي زىرائەت سورتلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ 1000 مو تېرىلغۇ يەرگە تېمىتىپ سۇغىرىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتتى؛ ماشىنىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ ئېرىق - ئۆستەڭ، تىندۇرۇش كۆلچىكىدىكى لاتقىلارنى تازىلىدى؛ كەسپىي تېخنىك خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېتىز پەرۋىشى، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خاس تېرىقچىلىق زىرائەتلىرىنى ئورۇش - يىغىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

«بىز يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنى توپلاپ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى خۇ يۆۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى