تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كەلگۈسى كۆزلەنگەن، ئەمەلىي بولغان دەۋر پىلانى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، جۇڭگو ئۈچۈن قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېڭى مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەردى.

10 - ئاينىڭ 26 -كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئومۇمىي يىغىن بېيجىڭدا ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)»توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى. تۈرلۈك ئاۋازغا قويۇش قارالمىلىرىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ يېڭى كوردىناتىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «<13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى».

ۋاقىت ئالغا ئىلگىرىلەشكە گۇۋاھ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يولىدىكى بىر خىش - بىر كاھىشتىن قويۇپ قوپۇرۇلغان يېڭى ئابىدىگە گۇۋاھ. 90 مىليون كىشىلىك چوڭ پارتىيە، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بۇ يەردىن مەردانە قەدەم تاشلاپ قايتا ئاتلىنىدۇ.

ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش:

مەۋقە بەش يىلغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى 100 يىل كۆزلەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «رەھبىرىي كادىرلار ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. بىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت، بىرى، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى».

بۇ ئىككى كەڭرى كۆرۈش نۇقتىسىدىن 5 - ئومۇمىي يىغىننى كۆزەتكەندە، بۇ تۆت كۈننىڭ تارىختىكى سالمىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، 5 - ئومۇمىي يىغىن دەل ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ۋاقىت تۈگۈنى. ئۇ بىر تەرەپتىن پات ئارىدا تاماملىنىدىغان 100 يىللىق تارىخىي داستاننى داۋاملاشتۇردى، بىر تەرەپتىن ئىككىنچى 100 يىلنىڭ ھەيۋەتلىك سەھىپىسىنى ئاچتى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئومۇمىي يىغىن 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى. ئۇ «14 - بەش يىل»دىكى بەش يىل بىلەن «ئىككى 100 يىل»نىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى:

«<14 - بەش يىل> مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل».

ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشان ئۆزئارا قاتلىنىپ قوشۇلۇپ، ھالقىمۇھالقا گىرەلەشتى. «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىدا 2035 - يىلى بىرىنچى قەدەم تاماملىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تەكلىپ نۇسخىسىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035 - يىلغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەر قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەردىن قارىغاندا، كۆپچىلىك بىردەك: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قارىدى.

ئومۇمىي يىغىننىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان بىر يولداش ۋاقىت نۇقتىسىدىن بىر - بىرلەپ بۆلۈپ ئانالىز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « 2035 - يىلغىچە بولغان جەمئىي 15 يىل ئۈچ بەش يىللىق يىرىك پىلاندىن تەركىب تاپىدۇ، بىرىنچىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تۇنجى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلىش - بېسىلماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ».

يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كۆزىتىش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى باھا - مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسىدە نىشان «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»غا توغرىلاندى. بەزى تاراتقۇلاردا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ باش - ئايىغى ئېنىق بولۇپ، مۇقىملىقى ۋە سىجىل گۈللىنىش ئىستىقبالىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.» مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق قارىدى: «تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇلۇشى تۈزۈمنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى تۈزۈمدىن ياخشى پايدىلانغانلىقتىن بولىدۇ».

دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە بوران - چاپقۇن كۆتۈرۈلمەكتە. يامان ئەلپازدا كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، «تېخىمۇ كۆپ قارشى شامال، قارشى ئېقىملىق تاشقى مۇھىت» ئاستىدا بېسىم ئاشتى، خىرىس كۆپەيدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇشۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى «دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى»دۇر.

جۇڭگو قاياققا ماڭىدۇ؟ ھەم ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ھەم ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ ھەرىكەت پىروگراممىسى ئېلان قىلىنغان پەيتتە، دۇنيا جۇڭگونىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك ئېچىلدى.

باشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تاشقى مۇھىتنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى ئۆز نۆۋىتىدە ھۆججەت تەييارلاشتىكى كەسكىن خىرىس بولدى. «ۋاقىت» بىلەن «ۋەزىيەت»كە ئىلمىي ھۆكۈم قىلغان، «خەۋپ» بىلەن «پۇرسەت»نى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلىگەندە، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىمۇ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قىيىنچىلىقنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئېگىلمەي - سۇنماي، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

«ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇش ۋە ئىگىلەش، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇش» «كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا ماھىر بولۇش» ... تەكلىپ نۇسخىسى ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىپ ئوقۇلدى، سۆز - ئىبارىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى مۇجەسسەملەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش ھەققىدە بەرگەن ئىزاھاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ئاساسلىقى چوڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، چوڭ ئىستراتېگىيەنى بېكىتىش بولدى. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلدى، تەكلىپ نۇسخىسىدا <14 - بەش يىل> بىلەن 2035 - يىلغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا قارىتا خاراكتېرنى بېكىتىپ بايان قىلىشنى ئاساس قىلىش، مىقدار بېكىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش شەكلى قوللىنىلدى. يىرىك پىلان <پىروگراممىسى>نى تۈزگەندە ئەستايىدىل ئۆلچەش، ھېسابلاش ئاساسىدا مۇناسىپ مىقدارلاشتۇرۇلغان نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز بارغانسېرى شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى.» تەكلىپ نۇسخىسىدا مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شۇنداقلا بۇنى ئۇ ئۆزى پىلانلىدى ۋە بېكىتتى.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىر ئەزاسى تەكلىپ نۇسخىسىدىكى جەمئىيەت ساھەسىگە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ ئىلگىرىكى قېتىملاردىكى يىرىك پىلان تەكلىپىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە، سىياسەت سالمىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىغا، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش ئىدىيەسىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

مىسلىسىز مۇشەققەتلىك «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئىدىيەسى ئۆچمەس نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا سەمىمىي ھالدا: بىز خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ سەمىمىي نەسىھەت قىلدى. تەكلىپ نۇسخىسىنى ۋاراقلىساق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى بېقىش، سۇ، توك، يول، گاز، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر، گۆش، ھەتتا يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بۇلغانغان سۇنى تۈزەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىنغان.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغاندا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. تەكلىپ نۇسخىسىدىكى 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كەلگۈسى نىشاندا «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش قىسمىدا «ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش» گەۋدىلىك تەكىتلەندى. بۇنداق بايان قىلىش پارتىيە ئومۇمىي يىغىنى ھۆججەتلىرىدە تېخى تۇنجى قېتىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئىزاھات بەردى: «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىغا ئەگىشىپ، بىز جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ نەتىجە يارىتىپ تىرىشىشىمىز كېرەك».

بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك:

خەلقتىن ئەقىل سوراش بىلەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىرلىككە كەلتۈرۈلدى

بۇ يىل 3 - ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى قاراپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرغاندىن تارتىپ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 5 - ئومۇمىي يىغىن يېپىلىپ، ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ئېلان قىلىنغۇچە بولغان 200 نەچچە كېچە - كۈندۈزدە، دەرەخ يوپۇرماقلىرى كۆكىرىپ يەنە سارغايدى، كوچىلار تىمتاسلىق، جىمجىتلىقتىن يەنە قاينام تاشقىنلىققا تولدى، جۇڭگو زېمىنى كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان پەيتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشنىڭ «جەڭ دۇمبىقى» تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ياڭرىدى.

3 - ئايدا ۋۇخەنگە، 4 - ئايدا جېجياڭغا، 5 - ئايدا سەنشىگە، 6 - ئايدا نىڭشياغا، 7 - ئايدا جىلىنغا، 8 - ئايدا ئەنخۇيغا، 9 - ئايدا خۇنەنگە، 10 - ئايدا گۇاڭدۇڭغا باردى ... جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەت مىساللىرىنى توپلىدى.

7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. مۇتەخەسسىس - ئىلىم ئەھلىلىرى، كارخانىچىلار، ئالىملار، يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى، ئاشخانا ئىگىلىرى، دېھقان - ئىشچىلار قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋەكىللىرى يىغىن مەيدانىغا كىردى. ئۇ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ساداسىغا تولۇق قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە ئۈمىدىنى چۈشىنىش كېرەك.

ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا ئىختىساسلىقلار تېمىسى قىزىق نۇقتا بولدى. كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش ھېسسىياتتا مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە. دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا» «بۇ مەسىلىدە، بىز قەدەمنى يەنىمۇ چوڭراق ئېلىشىمىز، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ جانلىق مېخانىزمنى كىرگۈزۈشىمىز كېرەك».

تەكلىپ نۇسخىسىنىڭ تارماق بايان قىسمى ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بويىچە تەشكىللەندى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ساھەلەرگە بۆلۈپ شەرھلەندى، ئورۇنلاشتۇرۇلغان 12 قىسىم ئىچىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باش ئورۇنغا قويۇلدى.

«يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش» «پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش» ... ئوتتۇرا ئېقىننىڭ شىددەتلىك قاينىمىدا، باتۇرلار جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىدىكى «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى.

ھۆججەت تەييارلاش جەريانى دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «توردا تەدبىر سوراش»نى بارلىققا كەلتۈردى، تورداشلار 1 مىليوندىن ئارتۇق سۆز قالدۇردى. ناھىيە بازىرىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرى «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئاقىل مەھەللە بەرپا قىلىش» تەكلىپىنى بەردى؛ قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىكى كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى «كەنت، بازارلاردىكى كادىرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى»نى ئارزۇ قىلدى؛ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار «ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش»نى ئۈمىد قىلدى...

يۈز مىليونلىغان خەلق ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تەكلىپ نۇسخىسىدىكى جەمئىي 366 ئورۇنغا قارىتا كۆپەيتىپ يېزىش، ئۆزگەرتىپ يېزىش، پىششىقلاش، ئىخچاملاش ئېلىپ باردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىدىن 546نى قاپلىدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.»

تۆت كۈن داۋاملاشقان ئومۇمىي يىغىندا كۆپ مەيدان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بەس - بەستە سۆز قىلىپ، كەسپىي نەزەر بىلەن ھۆججەت نۇسخىسى ئۈستىدە قايتا - قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئىشى، ھەربىر ئادەم ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.

يىغىن زالىدىكى سۆز قىلىش ئورنى ناھايىتى «تالاش»تا قالدى. بەزىدە ئالدىنقى بىر كىشىنىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، بەزى يولداشلار ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ كېيىنكى قېتىملىق سۆز قىلىشقا نۆۋەت ساقلىدى؛ بەزىدە ئالدىنقى بىر يولداشنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشى بىلەن، يىغىن مەيدانىدا بىرنەچچە ئادەم تەڭلا ئورنىدىن تۇردى. يىغىنغا قاتناشقان بەزى يولداشلار يىغىننى ئاڭلاش جەريانىدا يېڭى ئىلھامغا ئېرىشىپ، سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يەنە سۆزلەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، پات - پات كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى. ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىش، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ ئالدى بىلەن ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خىرىس ئالدىدا «تەيشەن تېغى بېسىپ تۇرسىمۇ بەل ئەگمەسلىك»... يىغىن مەيدانىدا ئورتاق سادا ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ ئېيتىلدى، مەسىلىلەر چوڭقۇر سۆزلەندى، تەكلىپلەر ئورۇنلۇق بېرىلدى.

قىسقىغىنا تۆت كۈندە، تەكلىپ نۇسخىسى تەييارلاش توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلدى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىندى، پىكىر، تەكلىپلەر جەملەندى، تەكلىپ نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، «تەكلىپ (تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئاخىرىدا ئاۋازغا قويۇلدى. ھەربىر ھالقا قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلدى، ھەربىر دېموكراتىك تەرتىپ كەسكىن ئىجرا قىلىندى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «بۇ قېتىمقى تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاشنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت».

ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ۋۇجۇدقا چىقىرىش:

ئۈچ «يېڭى تەرەققىيات»تىن ئاساسىي لىنىيە شەكىللەندى

ۋاقىت قەيەرگە كەتتى؟

«13 - بەش يىل»دىكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا توغرا كەلدى، ۋاقىت سان ئۆزگىرىشىنى جۇغلاپ سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەربىر سۇڭ يېرىدىكى خەلق، ھەربىر تاغ تىزمىسى، ھەربىر دەريانىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.

5 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە يىغىن ئېچىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. 60 نەچچە يىل ئىلگىرى «1 - بەش يىل»لىق پىلان يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇنداق يىغىن كۆپ ئېچىلمىغان. «بېكىتىلگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت ئىستىلى.

«13 - بەش يىل»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلىدا، قانچىلىغان بوران - چاپقۇنلار باشتىن كەچۈرۈلدى، قانچىلىغان ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەندى، قانچىلىغان شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. دوكلاتتا ئۇ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىنتايىن ئالاھىدە بىر بۆلەك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى».

كۈچلۈك دولقۇن ئالدىدا ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئىچىدە ئستىراتېگىيەلىك پىلان ياخشى تۈزۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، قاتتىق جەڭلەردە بىر - بىرلەپ غەلىبە قىلدى، خەۋپ - خەتەرلەرگە بىرمۇبىر تاقابىل تۇردى، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

بىر تەپسىلاتتىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىستىلىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يىغىن مەيدانى ئورۇنلاشقان جاي جىڭشى مېھمانخانىسىدا ساپ، ئاددىي - ساددا يىغىن ئىستىلى نامايان بولۇپ تۇراتتى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ياتاقلىرى ئىنتايىن ئاددىي - ساددا ئىدى، ئاشخانا كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ، غىزالىنىشتا «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. تارىختا ئۆتكەن دۆلەتلەرگە نەزەر سالساق، تېجەشلىكتىن گۈللەنگەن، ھەشەمەتچىلىكتىن خارابلاشقان. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇنىڭ تاپىلىشى چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: «ئىلگىرى پارتىيەمىز جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا چىقاردى. ھازىر بىز يەنىلا مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى مەقسىتى پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە خاراكتېرى بەلگىلىگەن».

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

«بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىككى تۈرلۈك قارالمىسى بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋازى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى.

«ھازىر بىرىنچى قارالما ئېلىپ بېرىلىپ، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى(دەسلەپكى لايىھە)> قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ».

يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ۋە يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى بىردەك ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈردى.

«ماقۇللاندى!» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

«ھازىر 2 - تۈرلۈك قارالما ئېلىپ بېرىلىدۇ، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(دەسلەپكى لايىھە)> قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ».

ئاخباراتمۇ ئوخشاشلا بىردەك ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان <تەكلىپ> ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <تەكلىپ>تە بېكىتىلگەن تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت».

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى، بۇ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتە ئۆزگىرىش بىلەن ئۆزگەرمەسلىكنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئىگىلەنگەن بولۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش −

«13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دەل ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان باسقۇچ. بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.» «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى زور ھالقىش.»

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش −

ئىلگىرىكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ «دىرىژورلۇق تايىقى» بولۇپ كەلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە سىڭدۈرۈلگەن بەش يىل، ئىقتىسادىي تەرەققىيات «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆزگەرمەكتە.

تەكلىپ نۇسخىسىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم. «جەزمەن تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىياتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت، ئۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى شەرت».

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش −

دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش تەكلىپ نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش».

«دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستېمال بازىرى بولۇپ، غايەت زور ئېشىش بوشلۇقىغا ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز نۇرغۇن تاشقى خەۋپ - خەتەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇشتا، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتتا مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇشقا تاياندۇق».

...

«بۇنداق بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاسان ئەمەس، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش شەرت، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇختا، ئەستايىدىل بولۇش شەرت.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى يەنە جۇڭگونىڭ يېڭى مۇساپىدە يېڭى مۆجىزە يارىتىشىدىكى «مەخپىي نومۇر».

«1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باش تېما دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.» يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقىچە، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر توختىماي ئىزدىنىپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش غەيرىتى ۋە ئىرادىسى باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «بىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز.»

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغىغان دەۋر.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.