تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچى ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماھارەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا ماڭدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز 4 مىليون 719 مىڭ 600 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ۋە كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر قاتارلىق شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرگە يۈزلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق مەخسۇس تۈر پىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى، مەنپەئەتلەنگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى قاتلام، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچىنىڭ بىر ماھارەتنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ «بىر كىشىنى تەربىيەلىسە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 660 مىڭ 400 ئادەم قېتىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 554 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بارغانسېرى كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچى ماھارىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بولدى، نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك قۇتۇلۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىيانشان ھۈنەرۋەنلەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپ - ساھەلەر جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، قىس بولۇۋاتقان يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى. 2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن جەمئىي 21ى، ماھارەت ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن 35ى قۇرۇلدى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 56 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن كۆپەيدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدىمۇ يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 48نى مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار يەتتە ئالتۇن مېدال، 12 كۈمۈش مېدال، 16 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكى، مېدال تىزىملىكىدە «قوش بىرىنچى» بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «ئەمگەك شەرەپلىك، ماھارەت قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ» دەيدىغان ئاڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى