جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

ئومۇمىي يىغىندا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىق قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى)

ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يەڭدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پاراخوتى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز، چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا ئىلگىرىلىتەلەيمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقانلاردىن مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 198 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 166 كىشى بار. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بىردەك مۇنداق قارالدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تەمكىنلىك بىلەن كۈچلۈك تاقابىل تۇردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يەڭدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پاراخوتى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز، چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا ئىلگىرىلىتەلەيمىز.

ئومۇمىي يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى؛ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى، 2020 - يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېزىلاردىكى 55 مىليون 750 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ ئاشلىقنىڭ يىللىق ھوسۇلى ئۇدا بەش يىل مۇقىم ھالدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولدى؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش سالمىقى زورايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئالىي مائارىپ ئومۇملىشىش باسقۇچىغا كىردى، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 60 مىليوندىن ئاشتى، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قاپلىدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىلياردقا يېقىن كىشىنى قاپلىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى گۈللىنىپ راۋاجلاندى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتىدە مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ساقلاندى. «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق قارالدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش مەۋجۇت. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋر باش تېمىسى بولماقتا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى روشەنلەشتى، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۆستى، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ماددىي ئاساسى پۇختا، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، بازار بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپتىكى ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرقى بىرقەدەر چوڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يەنە ئاجىز تۈرلەر بار. پۈتۈن پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى يەنە يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىدۇ؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ؛ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى كەڭ تۈردە شەكىللەندۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇقىم ئاساستا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى پەرقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىدۇ؛ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى روشەن ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ ئاساسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى ماسلىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسى، پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسېرى موللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش ئەندىزىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى روشەنلەشتۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەش تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەملەشتۈرۈلۈپ، تەقسىمات قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، دۆلەت مەمۇرىيەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى روشەن ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى روشەن كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك كاپالىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور قەدەم تاشلىنىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىشى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشكەن تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يېتەكلەش ۋە يارىتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ماكرو ئىگىلىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجىسىنى پۇختىلاش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايونلار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ - ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى چېگراسىنى ساقلاش كېرەك. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىش كېرەك. تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ ۋە يارىتىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى پۇختىلاش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2027 - يىلى ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياخشى تاشقى مۇھىتنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.