تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارغا قارىتا تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ياڭ يىنىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ئېغىر كېسەل، يۇقۇملىنىش ھەمدە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ ئەۋەتتى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاغرىقلارنىڭ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش، ياشلار ئىكەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بايقالدى، شۇڭا بىر خىللاشقان، ئۆلچەملەشكەن داۋالاش لايىھەسى قوللىنىلىپ، دۆلەتنىڭ 8 - نۇسخىدىكى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسى» بويىچە ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە نەپەس، ئېغىر كېسەل، يۇقۇملىنىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش، پەرۋىش قىلىش، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، رېنتىگېن، جۇڭيى تېبابىتى ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى سەپلەپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمى ئورناتتى. ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى تېز تاماملاپ، دىياگنوز قويۇشنى مۇكەممەللەشتۈردى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاغرىق مىساللىرىغا بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ، بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، بىرمۇبىر ھۆكۈم قىلدى. ئاغرىقلار دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى بارلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم قىلىپ ۋە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقلارنى داۋالاش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

«بىز نۆۋەتتە بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش، يېنىكى بىلەن ئېغىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش پىرىنسىپى بويىچە دەل جايىدا، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىپ سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە سىگنال بېرىش كۆرسەتكۈچىنى ئورنىتىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپتىكىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق» دېدى ياڭ يىنىڭ.

بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ لىشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ قېتىمقى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېببىي خادىملار ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭگە ۋە ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقانلار بولۇپ، مول قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە، بىز ئاغرىقلارنىڭ پىسخىك پەرۋىشى، تۇرمۇش پەرۋىشىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋىرۇس ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز».

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەۋقەنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قويۇپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاغرىقلار رايونىنى كۆپەيتىپ، كارىۋاتلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش دورىلىرى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى تەييارلىقى تولۇق بولۇپ، بۇ قېتىمقى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدىكەن.

ياڭ يىنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى