تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بازار سودا پۇرسىتى ياراتتى، ماتاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

  «بىز ياڭاقچىلىق كەسپىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك».

  ــــ جيا چۈنفېڭ

  يېزىنىڭ ھەر بازار كۈنى، جيا چۈنفېڭ ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئايلىنىدۇ.

  جيا چۈنفېڭنىڭ بازار ئايلىنىشى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، ئۇ بازار ئايلانغاندا يانچۇقىغا بىر كىچىك دەپتەر سېلىۋالاتتى. ئۇ بازاردا كۆرگەن 200 خىلدىن ئارتۇق تاۋارنىڭ ھەممىسىنى دەپتەرگە بىرمۇبىر يېزىپ ماڭاتتى. بۇ تاۋارلارنىڭ قانچىسى ناھىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قانچىسى يېزىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يەنە قانچىسى كەنتتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئۇ ئېنىق بەلگە قويۇپ ماڭاتتى.

  جيا چۈنفېڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسى ئاۋات كەنتىگە ئەۋەتىلگەن 1–شۇجى بولۇپ، كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل بۇ ئادەتنى ساقلاپ كەلدى.

  «كۆزىتىش ئارقىلىق، بازاردا سېتىلىۋاتقان تاۋارلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كەنتتىكى ئامما ئېھتىياجلىق ھەم ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرگە سودا پۇرسىتى تېپىپ بەرمەكچى بولدۇم» دېدى جيا چۈنفېڭ.

  تۈرگە ئايرىپ ئىستاتىستىكىلاش نەتىجىسى جيا چۈنفېڭنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، 200 نەچچە خىل تاۋار ئىچىدە، قاراقاش ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغىنى %10كىمۇ يەتمەيتتى، يېزا، كەنتتە ئىشلەپچىقىرىلىدىغىنى تېخىمۇ ئاز ئىدى.

  جيا چۈنفېڭ بازاردا ماتاڭنىڭ سېتىلىشىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەنتتىكى 1660 مو ياڭاقلىق ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك نامرات ئاھالىلەرنى ئويلىدى.

  ئاۋات كەنتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى يىراق-يېقىنغا داڭلىق ياڭاق ئۆستۈرۈش كەنتى بولۇپ، ھەممە ئائىلىدە ياڭاق ئۆستۈرۈلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسىدە باغۋەنچىلىكتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاۋات كەنتىدىكى ياڭاقنىڭ سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ياڭاق مەھسۇلاتى ئاشتى، لېكىن دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشمىدى. ياڭاقنىڭ سېتىش يولى راۋان بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى نۇرغۇن ياڭاقنى يەرلىك خاس مەھسۇلات ئورنىدا ئۆيگە قويۇپ قويدى، مەھسۇلاتنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشى ئەمەلگە ئاشمىدى.

  «ماتاڭنىڭ سېتىلىشى ياخشى، ياساش ھۈنىرى ئاددىي، ئاۋات كەنتىدە كۆپىنچە چوڭلار ماتاڭ ياساش تېخنىكىسىنى بىلىدۇ، نېمىشقا بۇ ئارقىلىق كەنتنىڭ ياڭاق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرمايمىز؟» دەپ ئويلىدى جيا چۈنفېڭ.

  جيا چۈنفېڭ دەرھال كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلدى، كۆپچىلىك بىردەك قوللاپ ئاۋاز بەردى.

  ناھايىتى تېزلا، كەنت كادىرلىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ ياڭاق پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

  «ياڭاقنىڭ شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ ياڭاق مېغىزىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 10 نەچچە يۈەن ئاشىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى گۈلى رەخمەت خۇشال ھالدا.

  ياڭاقنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جيا چۈنفېڭ ۋە كەنت كادىرلىرى نەزەرىنى ماتاڭ پىششىقلاش زاۋۇتىغا قاراتتى.

  زاۋۇت قۇرۇش، زاۋۇت ئۆيى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ كېتەتتى، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە ئەۋەتكەن ئىدارنىڭ قوللىشىنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە بىر قىسىم مەبلەغ كېرەك بولاتتى، ئۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ جيا چۈنفېڭ رەنە كەچۈرۈم قىلىنىدىغان، كېپىللىك كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تولۇق سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى ئويلاپ قالدى.

  «بىز كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى بىلەن شۇ كەنتتىكى ماتاڭ ياسايدىغان قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەمكارلىقىدە، 10 نەچچە نامرات ئاھالىنى قوبۇل قىلىپ، 500 مىڭ يۈەنلىك تولۇق سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى جيا چۈنفېڭ.

  ماتاڭ ياساشقا ئۇستا نامرات ئاھالە ئابدۇغوپۇر ئابدۇراخمان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماتاڭ پىششىقلاش زاۋۇتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، پايچىكلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پىششىقلاش زاۋۇتى ناھايىتى تېزلا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چۈنكى مەھسۇلاتنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى ۋايىغا يەتكەن، تەمى ئۆزگىچە بولغاچقا ناھايىتى تېزلا بازىرى ئېچىلىپ، يېزا بازىرىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە سېتىلدى.

  10-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇخبىر ئابدۇغوپۇرنى كۆرگەندە، ئۇ جيا چۈنفېڭ بىلەن بىللە كەنتتىكى ماتاڭ ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. ئابدۇغوپۇر مۇخبىرغا خىزمەت ئەترىتى ۋە جيا چۈنفېڭنىڭ ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتىكى ماتاڭ قاتارلىقلارنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ، فۇجيەن، گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  «ھازىر پىششىقلاش زاۋۇتى كۈنىگە 300 كىلوگىرام ماتاڭ ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يەنە توختىماستىن يېڭى زاكاز قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. پىششىقلاش زاۋۇتى كەنتتىكى 31 نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلىپلا قالماي، كۆپچىلىككە ئادەتتە زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى، كۆپچىلىك ھەر ئايدا 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى» دېدى ئابدۇغوپۇر.

  ماتاڭ زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىسى نۇر مەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىز خۇددى ماتاڭغا ئوخشاش تاتلىق بولىدۇ!

  «بۇ يىل ئاۋات كەنتىنىڭ ياڭاق مەھسۇلاتى 259 توننىغا يەتتى، كىرىمى بۇلتۇرقىدىن 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئېشىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9500 يۈەن ئاشتى. ئاۋات كەنتىدە ياڭاقنى دەسلەپكى پىششىقلاش ۋە ياڭاق يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاشنىڭ يېپىق كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلدى» دېدى جيا چۈنفېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى