تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەن نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: «بىز تۇرۇۋاتقان تۇەن - مەيدان ئەسلىدە بىڭتۇەندىكى ئېغىر نامرات تۇەن - مەيدان بولۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەن ئىلگىرى ياردەم بېرىش - يۆلەش بولمىسا بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىپ قالارمىزمۇ، دەپ ئەندىشە قىلغانىدىم. بۈگۈنكى كۈندە تۇەن - مەيدان مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىمغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئېرىمنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ يۈرۈپتىمەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بىڭتۇەن 3 - شى 44 - تۇەن 18 - ليەنىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئىشچى زەرىگۈل ئوبۇل تېلېفوندا مۇخبىرغا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى توپلاپ، پۈتۈن بىڭتۇەننىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، بىڭتۇەن نامرات تۇەن - مەيدانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، نامرات ليەندۈيلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل بىڭتۇەن نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن 16نى تەشكىللەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن، 2017 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق نامرات نوپۇس بار دەپ بېكىتىلگەن 28 تۇەن - مەيداندا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نەق مەيداندا ياردەم بېرىش - يۆلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىكلەر كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن نامرات ئائىلىلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ تۆت ئېغىر نامرات تۇەن - مەيدانغا قارىتا، بىڭتۇەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۇەن يەنە نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ %44.7ىنى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرلىرىگە ئىشلەتتى.

بۇ يىل، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى باشلامچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئەلا بولماسلىق، ساپاسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق نامرات تۇەن - مەيدانلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىكلەر نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى جەمئىي 8000 ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلەپ، ليەن (كەنت)دە تۇرۇشقا يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلار ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاساسىي قاتلام نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى